رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 76 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىلىق دېھقاننى چوشقا يەۋەتكەن دەپ گۇمان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -03
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

ئامېرىكا ئورىگون شىتاتىدىكى بىر دېھقان ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆي ھايۋانلىرىغا يەم بەرگەندىن كېيىن قايتىپ كەلمىگەن. شۇ جايدىكى ئەمەلدارلار بۇنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى ئۆزى باققان چوشقا يەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلدى.
تېررى ۋانسې گانا ئىسىملىك بۇ دېھقان 70 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئورىگون شىتاتىنىڭ كوگىر دېگەن يېرىدە تۇرىدىكەن. شۇ جايدىكى تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسى 1- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: گانا 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۆيىدىن چىقىپ، ئورىگان شىتاتىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا يېقىن جايدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆي ھايۋانلىرىغا يەم بېرىشكە كەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلمىدى.
بۇ دېھقاننىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى كېيىن دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ چوشقا قوتىنىدىن گانانىڭ يالغان چىشى ۋە بىر قىسىم ئۇستىخانلىرىنى بايقىغان، قالغان قىسمىنى بىرەر نەرسە يەم كەتكەندەك قىلغان. شۇ جايدىكى ئەمەلدارنىڭ قىياس قىلىشىچە، بۇ چوشقىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 320 كىلوگرام كېلىدىكەن.
شۇ جايدىكى تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسىدىكىلەر مۇنداق دېدى: گانا بەلكىم تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەل بىلەن، يەنى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەن بولۇشى، ياكى ھايۋاننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. ئىلگىرى، گانا بىر چوشقىنىڭ چىشلىۋېلىشىغا ياكى زەربىسىگە ئۇچرىغانىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : تۆت پۇتلۇق توخۇ

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش