رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 363 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايون 16 – فېۋرال،مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئورگان ئىستىلى، ئۈنۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈم باھالاشخىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونومرايونىمىزدىكى مەمۇرىي ئورگانلار ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنىكۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتقىلىش ۋە پاك مۇلازىمەت قىلىشنى ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئورگان خىزمەت ئۈنۈمى، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پاك،يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىيەت مۇھىتى، ئادىل، لىللا قانۇنچىلىق مۇھىتى، قېلىپلاشقان، ئىشەنچلىك بازار مۇھىتى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرىنىڭ ئىستىل، ئۈنۈمىنىباھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى ئوقۇدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› نى ئوقۇدى.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق ياراتقانلىقى بولۇپ، ئورگان خىزمەت ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر،ئىلمىي تەرەققىياتنىئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرىكۆتۈرۈشتىكى مۇھىم چارە، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن ياخشى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىم ئاپتونومرايوننىڭ ئىقتىسادىيساھەدىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ باشقارما، ئىشخانىلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، ئۈنۈمىنى باھالاپ،ئالاقىدار باشقارما،ئىشخانا مەسئۇللىرىنىڭ تەڭشىگەنلىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان ئىستىلى، ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى نامايانقىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپقىلىندى: تارماقلار،ئورۇنلار ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ›› قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹يامۇل›› ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ‹‹ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلىق، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك، نەپسانىيەتچىلىك›› ھادىسىلىرىنى قەتئىي يېڭىپ، ناچار ئىستىلغا يۈرەكلىك قارشىتۇرۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتىشى كېرەك. بەزى كادىرلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن كونا ئادەتلىرى ۋە يېڭى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ھەرخىل قېلىپۋازلىق قىلمىشلىرى، خاتا ئىدىيەنى توغرا دەپ ئىجرا قىلىدىغان خاھىشلىرىنى توسۇپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى بىلەن خىزمەتلەرگە باشلامچىلىق قىلىشقا يېتەكلەش، تەربىيە بېرىشكېرەك. جايلار، تارماقلار ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، تەستىق سېلىش تەرتىپىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بۆسۈشكە، زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى بىرمۇ بىر ھەلقىلىپ، خىزمەتنى بىرمۇ بىر تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشخانىدا ئاز ئولتۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىشى كېرەك.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش