نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 15 قېتىم كۈرۈلدى
گىرمانىيەدە 9000غا يېقىن ئادەم يىمەكلىكتىن زەھەرلەندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -02
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

خەلىقئارا لىنىيەسىنىڭ خەۋىرى: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بىرلىن ھەمدە شەرقتىكى 4 فدراتسىيە شىتاتىدا كەڭ كۈلەملىك يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۈرۈلدى. ئەڭ يېڭى ئستاتسىتكىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە 9000غا يېقىن ئادەم يىمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن. زەھەرلىنىش سەۋەبى يەنىلا تېخى نامەلۇم ئىكەن.

زەھەرلىنىش ۋەقەسى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلانغان. گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بىرلىن، شەرقتىكى فىدراتسىيە شىتاتىلىرىدىن بىراندېنبۇرگ، ساكسىن، ساكسىن-ئانخات ۋە تۈرىنگىر شىتاتلىرىدىكى 300 دىن كۆپرەك مەكتەپ ۋە ئاپپاراتلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۈرۈلگەن. كىيىنكى ئىككى كۈندە تارقالغان ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى باللار باغچىسىدىكى گۈدەكلەر ۋە مەكتەپتىكى ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ بالىلار باغچىسى ياكى مەكتەپ ئاشخانىسىدا يىگەن تاماقلىرىنى سۇدىس ناملىق يىمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى تەمىنلىگەن ئىكەن.  

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن گىرمانىيە فىدراتسىيە ھۈكۈمىتى، ھەرقايسى فىدراتسىيە شىتاتلىرى ھەمدە يەرلىك قاتلاملاردىكى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال جىددىي ئەھۋال گۇرۇپىسى تەشكىللىگەن. فىدراتسىيە قاتلىمىدا روبىرت كوخ تەتقىقات ئورنى، فىدراتسىيە خەتەرنى باھالاش تەتقىقات ئورنى ھەمدە ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئۇرۇنلار تەكشۈرۈش ئەتىرىتى تەشكىللەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقماقچى بۇلىۋاتىدۇ.

روبىرت كوخ تەتقىقات ئورنى 1-چىسلا نۆۋەتتە 8962 ئادمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياخشى يىرى زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئۇمۇمىي جەھەتتىن بارا-بارا مۇقۇملىشىشقا باشلىغان. كۆپ سانلىق بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئەمەس بۇلۇپ سالامەتلىكى ئەسلىگە قايتىۋاتقان. پەقەت تەخمىنەن 30 نەپەر بىمار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مۇھتاج ئىكەن. ئىلگىرى قىسمەن بىمارلارنىڭ بەدىنىدىن بايقىغان يۇقىرى يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولغان نورو ۋىروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللىكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكى ھازىر تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

گىرمانىيە فىدراتسىيە يىمەكلىك، يىزا-ئىگىلىك ھەمدە ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش مىنىستىرلىكىنىڭ بىر باياناتچىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەجىربىخانىدا كۆپ مىقداردا تەجىربە ئىشلىگەندىن سىرىت يەنە يىمەكلىكنىڭ بازاردىكى سېتىش يوللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ۋەقەنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. بىراندېنبۇرگ شىتاتلىق سەھىيە تارمىقىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇنڭدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە زەھەرلىنىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبنى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە مەسىلىنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبىنى قاچان تەكشۈرۈپ چىقالايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ ئاخىرىدا مەسىلىنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبىنى تاپالماسلىق ئىھتىماللىقىنىمۇ يوق دىگىنى بولمايدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش