نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 26 قېتىم كۈرۈلدى
كانادادىكى 194 كىلوگىراملىق جىنايەتچىنىڭ كامىرى كىچىك بولغانلىقتىن 10 مىڭ دوللارغا ئىرىشىتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -02
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

جۇڭگۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن تورونتودىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى: كانادا Québec ئۆلكىسى كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتى يېقىندا بۇ ئۆلكىدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ بىر نەپەر ئېغىرلىقى تەخمىنەن 194 كىلوگىرام كىلىدىغان سىمىز جىنايەتچىگە مۇۋاپىق تۇرالغۇ(كامىر) تەمىنلىمىگەنلىكتىن ئاممىۋى بىخەتەرلىك نازارىتىگە 10 مىڭ كانادا دوللىرى(1 كانادا دوللىرى تەخمىنەن 1 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ) جەرىمانە قويدى.

بۇ كومىتىت يەنە ئاممىۋى بىخەتەرلىك نازارىتىگە سىمىز جىنايەتچىلەرنى قۇبۇل قىلىشقا قۇلايلىق بۇلىشى ئۈچۈن كامىرلارنىڭ بوشلۇقىنى ياخشىلاشنى بۇيرۇدى.

41 ياشلىق لاپويىنتې 2006-يىلى 9-ئايدا تىل بىرىكتۈرۈپ سۈيقەسىت قىلىش، زەھەر يۆتكەش ھەمدە جىنايى تەشكىلات ئۈچۈن پايدا قوغلىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئىككى يىللىق كىسىلگەن. 2008-يىلى لەقىمى " چوڭ نۇمۇرلۇق مايكىل " بولغان لاپوينتې كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا ئەرىز قىلىپ ئۈزىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى، لىكىن كامىرنىڭ مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

" چوڭ نۇمۇرلۇق مايكىل " كومتىتقا ئەرىز سۇنۇپ ئۈزىنىڭ كارۋاتتا ئۇخلىسا بەدىننىڭ ھەرقايسى تەرىپىدىن 20 سانتىمىتىردىن كارۋات سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، تۈرمە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كۈتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولالمىغانلىقىنى ئېيتقان. " چوڭ نۇمۇرلۇق مايكىل " تۈرمىگە كىرگەندە بەدەن ئېغىرلىقى 169 كىلوگىرام بۇلۇپ، ئىككى يىلدىن كىيىن تۈرمىدىن چىقىدىغاندا 194 كىلوگىرامغا چىققان.

كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتى ئالدىنقى ئايدا ئەرىز قىلغۇچىنىڭ بايانىنى ئەمەلىيەت دەپ قارار قىلغان.

سىجىيەن شىڭداۋ كۈندىلىك گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتى ئالدىنقى ئايدا ھۈكۈم چىقىرىپ ئۆلكىلىك ئاممىۋى بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ 7000دىن 10000 كانادا دوللىرىغىچە " چوڭ نۇمۇرلۇق مايكىل "غا تۈلەم بىرىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىي زىينىنى تۈلەپ بىرىشنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 3000 كانادا دوللىرىنى ئاممىۋى بىخەتەرلىك نازارىتىگە قارىتا جازا سۈپىتىدە جەرىمانە قويغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش