نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 23 قېتىم كۈرۈلدى
ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغان بىر يىگىت ياتىقىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

تېز خەۋەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،9-ئاينىڭ 30-كۈنى تاۋۇز چاغىنى بايرىمىدا، ھەممە ئائىلىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولۇپ،بىللە تاماق يەپ ئاي سەيلىسى قىلىدىغان خوشاللىق كۈن ئىدى.بىراق جياڭسۇ چاڭجۇدىكى شىن ئەپەندى ئائىلىسى ئۈچۈن تولىمۇ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى.ئەسلىدە شىن ئەپەندىنىڭ ئوغلى شياۋشىن بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆيىدىكىلەر بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېلېفۇن قىلىشى كېرەك ئىدى،بىراق شىن ئەپەندى ئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن خەۋىرىنى ئەمەس ئەكسىچە،ئوغلىنىڭ ياتىقىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى.شياۋشىن ئادەتتە تولىمۇ ئەخلاقلىق،ئۆگىنىشتە تىرىشچان بالا بولۇپ،نېمە سەۋەپتىن ئۆلۈۋالغانلىقىنى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ دېلونى يەنە داۋاملىق تەكشۈرمەكتە.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا،نەنجىڭ خۇجۈ خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاق بىناسى كەچلىك تەكراردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان ئىدى.ئاسپىرانتلىق 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان شياۋجوۋ باشقا مەكتەپتىن كەلگەن دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ تولۇق ئوتتۇرىدا بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشى شياۋشىننى ئەسلەپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن شياۋشىننىڭمۇ ياتىقىنىڭ مۇشۇ بىنادا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دوستىنى باشلاپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرگەن.
شياۋجوۋ بىلەن دوستى شىياۋشىننىڭ ياتىقىغا كەلگەندە،ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئىچىدىن تاقالغانلىقىنى،ئىشىكنى ھەرقانچە چەكسىمۇ ئىچىدىن ھېچقانداق ئاۋاز چىقمىغانلىقىنى بايقىغان.شۇنىڭ بىلەن خوشنا ياتاقنىڭ بالكونىدىن ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ شياۋشىننىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان.ئۇلار خوشنا ياتاقنىڭ بالكونى بىلەن شىياۋشىننىڭ ياتىقىغا كىرىپ شياۋشىننىڭ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بايقىغان ھەم دەرھال ئۇنى يىشىپ چۈشۈپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ سۈنئى نەپەسلەندۈرگەن.بۇ ۋاقىتتا شياۋشىننىڭ بەدىنى ئاللىقاچان قېتىپ كەتكەن بولۇپ،قانچە چاقىرسىمۇ ھېچقانداق سادا كەلمىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن باشقا ئوقۇغۇچىلار دەرھال 110دېلو مەلۇم قىلىش مەركىزىگە تېلېفۇن قىلغان 120جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ۋە مەكتەپ دوختۇرلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ شياۋشىننى جىددى قۇتقۇزغان،كېيىن 120جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ شياۋشىننىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.بىراق جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ئادەتتە كۆزەينەك تاقاپ ،بىكار بولسىلا كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتاپ كۆرىدىغان،مەكتەپتىكى چوڭ-كىچىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياتاققا قارايدىغان خادىملار بىلەن شۇنچىلىك يېقىن ئۆتىدىغان بۇ يىگىتنىڭ تۇيۇقسىزلا كىتىپ قېلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازاپلىغان بولۇپ شىياۋشىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى يىغلاپ كەتكەن.
شياۋشىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇپ باشقىلارنىڭ قەستلىگەن گۇمانلىق ئىزلىرى يوق ئىدى.شياۋشىننىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ دېيىشىچە،ئۇنىڭ ئۆگىنىشى تولىمۇ ياخشى بولۇپ 2011-يىللىق مەكتەپتە قالدۇرۇلغان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى ئىكەن،ھەريىلى بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ ئائىلىسىنىڭ شارائىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن،مىجەزىمۇ بەك چىقىشقاق بولۇپ ھېسسىيات مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بەرمىگەن ئىكەن،شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆيىدىكىلەر بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشكەن بولۇپ ،ساۋاقداشلىرى بىلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان .شۇڭا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيلا قالغان.
شۇ كۈنى كەچتە،مەكتەپنىڭ مەسئول خادىمى شياۋشىننىڭ ئۆيىدىكىلەرگە تېلېفۇن قىلىپ بۇ شۇم خەۋەرنى يەتكۈزگەن بولۇپ،ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش