نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 15 قېتىم كۈرۈلدى
ئامىركىدىكى تۇنجى ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

 

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ت

Www.AnAdiyar.Cn 

ېلگىراممىسى:
ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك تارىخى مەشھۇر جايلار تىزىملىكىگە يەنە يېڭى بىر ئەزا قۇشۇلدى. ئالدىنقى ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، بۇ قېتىمقى ئەزا بىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى بولۇپ، بۇ ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى بۇ تىزىملىكتىكى تۇنجى ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى بولۇپ قالغۇسى.
خاستىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى نىيو-يۇرىك شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتىراپىغا جايلاشقان بولۇپ، 116 يىللىق تارىخقا ئىگەن. دۆلەتلىك تارىخى مەشھۇر جايلار تىزىملىكنىڭ باشقۇرغۇچىسى كالۇر.شارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقىنى تارىخى مەشھۇر جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىك ھايۋاناتلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى ۋە مەدەنىيى ھاياتىدا ئوينىغان رولىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك تارىخى مەشھۇر جايلار تىزىملىكىدە جەمئىي 2698 قەبرىستانلىق بار ئىكەن. خاستىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى بولسا بۇ قەبرىستانلىقلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى ئىكەن. بۇ كىشلەرنىڭ ھايۋاناتلارغا بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كىشىلەر ئەمەك ھايۋانلارنى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ھايۋانلار چۇقۇم ئەخلەت سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ چولپانلار خاستىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقىغا ئەرمەك ھايۋانلىرىنى دەپنە قىلغان. مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى مارىيا.كەيلى ۋە ئارتىس جورجى.لافۇت قاتارلىقلار.
خاستىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقىدا تەخمىنەن 75 مىڭ ھايۋانات ۋە 700 نەپەر ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئىگىلىرى بار ئىكەن. بۇ يەردىكى نۇرغۇن قەبرە تاشلىرىغا ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىغا بولغان مۇھابىتىنى ئىپادىلىگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن. بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئامراق مۈشۈكىگە بولغان مۇھابىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان:« بىز مەڭگۈ مۇشۇ يەردە ئۇخلايمىز. مەن ۋە مېنىڭ ئامراق مۈشۈكۈم بىبى، ئۇ ماڭا 14 يىل ھەمراھ بولدى».
خاستىر ئەرمەك ھايۋانلار قەبرىستانلىقى 6-ئۆكتەبىر رەسمىي ھالدا تارىخى مەشھۇر جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. بۇ قەبرىستانلىقتىن باشقۇرغۇچىسى ئەيدى.مارتىن دۆلەتنىڭ بۇ قەبرىستانلىقنى تارىخى مەشھۇر جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنىڭ بۇ قەبرىستانلىقنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش