رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 362 قېتىم كۈرۈلدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ، ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 16 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن يىغىنئېچىپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› خىزمەتلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى، مۇزاكىرىلەشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتنىشىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەلققۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› خىزمەتلىرىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقىيىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم بۇ يىل دائىمىي كومىتېتنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››دىكى دەسلەپكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تونۇشتۇردى.

  نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەتخىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا بېكىتىلگەن خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئورۇنداپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››دىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، چارۋىچىلارنىئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش،ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى،تەبىئىي گازدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە جامائەت ئىجارە ئۆيقۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش – سەھىيە، مەدەنىيەت، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بايلىقئېچىشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ئىمكانىيەتلىكسىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ،بايلىقنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقىئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت تەلەپلىرىنى ھەقىقىي، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى:ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ماسلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچەپ، خىزمەتلەرنى بىردەك ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەيدۇ.

  نۇر بەكرىمۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكىمەمۇرىي ئورگانلاردائۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق ياراتقانلىقى بولۇپ، ئورگان خىزمەت ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرىسۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم چارە، بۇ،يېڭى ۋەزىيەتتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن ياخشى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئالاقىدار نازارەت،ئىدارىلەرنىڭ باشقارما، ئىشخانىلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، ئۈنۈمىنى باھالاپ، ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانامەسئۇللىرىنىڭ تەڭشىگەنلىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان ئىستىلى، ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تارماقلار، ئورۇنلار ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ›› قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹يامۇل›› ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ‹‹ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلىق، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك، نەپسانىيەتچىلىك›› ھادىسىلىرىنى قەتئىي يېڭىپ، ناچار ئىستىلغا يۈرەكلىك قارشى تۇرۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتىشى كېرەك. بەزى كادىرلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن كونا ئادەتلىرى ۋە يېڭى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغانھەرخىل قېلىپۋازلىق قىلمىشلىرى، خاتا ئىدىيەنى توغرا دەپ ئىجرا قىلىدىغان خاھىشلىرىنى توسۇپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى بىلەن خىزمەتلەرگە باشلامچىلىققىلىشقا يېتەكلەش، تەربىيە بېرىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، تەستىق سېلىشتەرتىپىنى يۇقىرىدىنتۆۋەنگىچە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بۆسۈشكە، زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى بىرمۇ بىر ھەل قىلىپ، خىزمەتنى بىرمۇ بىر تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشخانىدا ئاز ئولتۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىشى كېرەك. ( فېڭ جېن خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش