نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 16 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا Iowa شىتاتىدىكى بىر تەلەيلىك كىشىگە 2 يۈزمىليۇن مۇكاپات چىقتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا Iowa شىتاتلىق لاتارىيە مۇكاپاتى ئىدارىسى 26-چىسلا كەچتە ئېچىلغان كۈچلۈك توپ لاتارىيەسىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتىنىڭ پەقەت بىر لاتارىيە بېلىىتدە 6 نۇمۇرنىڭ ھەممىسى توغرا چىققانلىقىنى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ 202 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇشۇ شىتاتنىڭ دىمويىن شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى باندۇرانىت شەھرىدىكى بىر كىچىك ماگزىندا سېتىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە تېخى ھېچكىمنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ مۇكاپاتنى ئالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

Iowa شىتاتلىق لاتارىيە مۇكاپاتى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ئەزەلدىن مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنى ئاۋۋال ئادۋوكات ياكى مالىيە ئىشلىرى مۇتەخەسىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئوتتۇرغا چىقىپ مۇكاپات ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ كىلىۋاتقان بۇلۇپ بۇ سەۋەبتىن تەلەيلىك كىشىنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكەندىن كىيىن دەرھال ئۈزىنى ئاشكارلىمىغانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. Iowa شىتاتلىق لاتارىيە مۇكاپاتى ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىشىنىڭ ئىسمى چۇقۇم ئاشكارلىنىدىكەن.

بۇ Iowa شىتاتىدا بۇ يىل ئىچىدە سېتىلغان ئىككىنجى پارچە كۈچلۈك توپ لاتارىيەسى يۇقىرى مۇكاپات سوممىلىق لاتارىيە بېلىتى ئىكەن. بۇ يىل 6-ئايدا Iowa شىتاتى Cedar Rapids شەھرىدىكى Quaker قالغاچ ئۇۋىسى يىمەكلىكى شىركىتىنىڭ 20 نەپەر ئىشچىسىنىڭ تەلىيى كىلىپ كۈچلۈك توپ لاتارىيەسىنىڭ چوڭ مۇكاپاتى، يەنى كۈچلۈك توپ لاتارىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىكى 15-يۇقىرى مۇكاپات سىومىمىسى چىققان بۇلۇپ 241 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرىنى تەڭ بۈلۈشكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش