نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 81 قېتىم كۈرۈلدى
ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(CEO) تىم كۇك (Tim Cook) بۈگۈن ئالما خەرىتىسىدە نۇرغۇن مەسىلە ساقلانغانلىقتى ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(CEO) تىم كۇك (Tim Cook) بۈگۈن ئالما خەرىتىسىدە نۇرغۇن مەسىلە ساقلانغانلىقتىن كەڭ ئابونتلارغا ئەپۇ سوراش خېتى يازغان بولۇپ، ئابونتلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەھسۇلات ئىشلەپچىقرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئالمىنىڭ iOS 6 تىكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان خەرىتىگە قارىتا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئالما بۇ ئىشقا قارىتا ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا «بىز يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز» دەپلا گەپنى يىغىشتۇرغان ئىدى. تىم كۇك بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇلار بىڭ (مىكروسوفتنىڭ)، Waze، نۆۋەتتە ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭرى بولغان گۇگېل ۋە نوكىيا قاتارلىقلارنىڭ خەرىتىسىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

تۆۋەندىكىسى تىم كۇك يازغان ئەپۇ سوراش خېتىنىڭ مەزمۇنى:
بىز ئابونتلارغا ئەڭ ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىپ، دۇنيانى ئەڭ قالتىس مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەمما بىز ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان خەرىتە ئىقتىدارى بىزنىڭ بۇ ۋەدىمىزنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ بەردى. كەڭ ئابونتلارنى تەڭلىكتە قويغانلىقىمىز ئۈچۈن، چىن قەلبىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز ھەمدە بار كۈچىمىز بىلەن خەرىتە ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا تىرىشىمىز.
بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئابونتلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەرىتە ئىقتىدارلىرىنى تەمىنلەيمىز. نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدا 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم iOS ئۈسكۈنىلىرىدە ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئىشلىتىدۇ، ھەمدە كۈنسېرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا. بىز بۇ قېتىم ئابونتلارنىڭ يېتەرسىزلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
بىز خەرىتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتقان ۋاقىتتا سىز ئالما ئەپ دۇكىنىدىن باشقا خەرىتە ئەپلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، بىڭ، MapQuest، Waze، گۇگېل ۋە نوكىيا خەرىتىلىرى.
بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇندۇر، بىز بىلىمىز، بۇ ئابونتلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى، بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، خەرىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتكۈزىمىز.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش