نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 199 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستان كىنولىرىدا سەلبى رول بىلەن نام چىقارغان داڭلىق چولپان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

ئامورىش پۇرى 1932- يىلى 6-ئاينىڭ 22 –كۈنى ھىندىستان پەنجاپتا تۇغۇلغان. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بومبايدىكى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالغان. بوللىۋوتنىڭ داڭلىق سەلبىي ئوبراز ئارتىسى، كىنوچىلىق ساھەسىدە بىر خىزمەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغان. لېكىن ئۇ تۇنجى قېتىمدىلا مەغلۇب بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاجىسىزلىقتىن ئەمگەك ئىدارىسى بەرگەن تىياتىرخانىدىكى ئارتىسلىق خىزمىتىنى قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ تىياتىر سەھنىسىدە دڭلىق ئارتىس بولۇپ قالغان. نامىنىڭ بارغانسېرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىرىنچى قېتىم تېلېۋىزىيە ئېلانىغا چىققان. مۇشۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا كىنو ئىكرانىغا چىققان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

971-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ كىنوسىنى ئىشلىگەن. ئۇ سەلبىي ئوبراز بولغاندا، بۇ كىنو تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئېسىل چىققان، چۈنكى ئۇنىڭ كىشىنى قورقۇتىدىغان تاشقى قىياپىتى بۇ كىنونى جانلاندۇرۋەتكەن. بوللىۋوتتا ئىشلەنگەن « ھېندىستانلىق ئەپەندى» ناملىق كىنودىمۇ ئاساسلىق رولچى بولغان. ئۇ قارانىيەتچىلەرنىڭ كاتتا بېشى بولغان. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى شۇنچە قورقۇنۇچلۇق بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قەلبى شۇنداق يۇمشاق. بىراق ئىجابىي پىرسۇناژمۇ بولۇپ چىقىپ باققان. 2000- يىلى ئۇ بىر مېھرىبان ئاتىنىڭ رولىنى ئالغان.

ئامورش پۈتۈن بىر ئۆمرىدە 200دىن ئارتۇق كىنو فىلىمى ئىشلىگەن. ئۇ ۋوللىۋوتتا رولچىلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت ھىندىستاندىمۇ ئارتىسلىق خىزمىتىنى قىلىۋەرگەن. ئۇنىڭ خەلقئارا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان بىئوگىرافىگىيىلىك كىنو «گەندى» ناملىق فىلىمى بولغان. ئۇنىڭ داڭلىق ئارتىسلىق ماھارىتى، ھېندىستاندا ئەڭ ياخشى ئەر رولچى نامىغا ئېرىشكەن. 2005- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش