رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 437 قېتىم كۈرۈلدى
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسى» بۇ يىلد ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

« ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسى»دا ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى، بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار ۋە ھۆكۈمەت فونكسىيىسىنى يولغا قويىدىغان ئالاقىدار ئاپپاراتلار ئۈنۈم باھالاش دائىرىسىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى. ئۈنۈم باھالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى — ھەر قايسى تارماقلارنىڭ فونكسىيەسىنى ئادا قىلىشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى،ئورگان ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، خىزمەتئىستىلىنى ياخشىلىشىقاتارلىق تۆت تەرەپتىكى خىزمەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى : ‹‹ پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ جايىدا بولغان – بولمىغانلىقى،ئەمىر – پەرمانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ راۋان بولغان – بولمىغانلىقى؛ ھەر قايسى تارماقلاردا رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش ۋە قالايمىقان ھەق ئېلىش،قالايمىقان سېلىق سېلىش، قالايمىقان تەكشۈرۈشتەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقى؛ خىزمەت ۋاقتىدا ئۆز ئورنىدىن ئىختىيارىچە ئايرىلىش، تورغا چىقىپ پاراڭلىشىش، پاي سودىسى بىلەنسۇغۇللىنىش، ئۇيۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىنى كۆرۈشتەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقى؛ مەمۇرىي باشقۇرۇش ياكى مۇلازىمەت جەريانىدا باشقىلاردىن نەرسە تەلەپ قىلىش، باشقىلار بەرگەن نەرسىلەرنى ئېلىشتەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ ›› .

  كۆرەش مەخسۇت يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ يىللىق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش — سەپەرۋەرقىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈندىلىك باھالاش، مەركەزلىك باھالاش قاتارلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.باھالاش نەتىجىسى بىر قەدەر ناچار بولغانتارماقلارغا قارىتا،ئاپتونوم رايون يولغا قويۇش چارىسىگە ئاساسەن، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىر قەدەرناچار بولۇپ باھالانغان تارماقلارغا قارىتا، ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل رەھبەرلەر شۇ تارماقتىكى پارتىيە – ھۆكۈمەت 1 – قول باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە پارتىيە – ھۆكۈمەت 1 – قول باشلىقلىرىنىڭ شۇ يىللىق باھالاشتا ئەلابولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۇدا ئىككى يىلبىر قەدەر ناچار بولۇپ باھالانغان تارماقلارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شۇ تارماقتىكى پارتىيە – ھۆكۈمەت 1 – قول باشلىقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىدۇ. ئۈنۈم قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان باشقارما ۋە ئىشخانا مەسئۇللىرىغا قارىتا، قىلمىشى يىنىك بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىۋېتىش،مەمۇرىي دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى خىزمەتتىن چېكىندۈرۈش شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ››.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش