رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 558 قېتىم كۈرۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان‹‹بازا››تەشكىلاتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق گۇماندارلىرىنىڭ يېڭى ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 9 – يانۋار تېلېگراممىسى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقى 9 – يانۋار ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق 47 گۇماندارىنىڭ تېزىملىكىنى ئېلان قىلدى ھەم خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىن بۇ گۇماندارلارنى تۇتۇشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلدى.
    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گۇماندارلارنىڭ تېزىملىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇلدى، ھۆكۈمەت چېگرا سىرتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ گۇماندارلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئورگانلىرى 2003 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە ئارقا – ئارقىدىن ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتقان، بۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
    سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق گۇماندارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۆت قېتىم ئېلان قىلغانىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش