نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 18 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيەلىك 14 ياشلىق قىز ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا پۇل يىغىش ئۈچۈن بانكا بۇلىماقچى بولغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

خەلىقئارا لىنىيەسى مەخسۇس تىمىلىق خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە " كۈندىلىك تېلگىرامما گىزىتى " نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە ئۇرال تاغلىق رايۇنىدا ئىرۋوسك شەھرىدە 14 ياشلىق بىر قىز بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى پىچاق كۈتۈرۈپ بانكىغا بېسىپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلماقچى بولغان، ئۇنىڭ بۇنداق قىلماقچى بۇلىشىدىكى سەۋەب ئۈيىدىن چىقىپ كىتىپ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئىگەنلىنىشىچە، بۇ قىز يۈزىگە نىقاب كىيىپ، قۇلىدا پىچاق كۈتۈرۈپ بىر سودا بانكىسىغا كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقاندا بانكا ئامانلىق قوغدۇغۇچىسى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان.

بۇ قىز تەكشۈرۈش خادىملىرىغا ئۈزىنىڭ بانكا بۇلاشتىكى مەقسىتىنىڭ پۇل يىغىپ، "كونتىرول قىلىۋېلىش ئىستىكى ئۈستۈن"بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن، يەنى ئائىلىسىدىن قېچىپ چىقىپ كىتىپ ئاخىرىدا ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىقان.

بانكا نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستىمىسىنىڭ سىنئالغۇچىدىنى مەلۇم بۇلىشىچە، بۇ قىز ئاق رەڭلىك نىقاب كىيىپ بانكىغا كىرگەن، ئايال خىزمەتچىگە قۇلىدىكى پىچاقنى شىلتىپ ئۇنىڭغا 200 مىڭ رۇبلى(تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن) بىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ساقچى تەرەپ بۇ قىزنىڭ مەكتەپتە ئەلاچى ئۇقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجىرىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئانىسى ۋە ئۈگەي دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. ئۇ ئىرۋوسك شەھرىدىن ئايرىلماسلىق ۋە قانۇنغا بويسۇنۇش توغرىسىدىكى كاپالەتنامىگە قول قويغاندىن كىيىن قۇيۇۋىتىلگەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش