رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 433 قېتىم كۈرۈلدى
ماناس دەرياسى ئەتراپىدىكى جايلار دۆلەتنىڭ نەم يەر باغچىسى قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ 14 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىندا، ماناس دەرياسى دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى نەم يەرلەرنى قوغداش مەركىزىنىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەتنىڭ نەم يەر باغچا قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگەن . بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەتنىڭ نەم يەر باغچا قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن ئۈچكە يەتكەن .

  بۇ نەم يەر باغچىسىنىڭ يرىك پىلاندىكى ئومۇمىي كۆلىمى 47.02 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىكەن . يىرىك پىلان دائىرىسى بەيۈكېڭ سۇ ئامبىرى ، شىنخۇپىڭ سۇئامبىرى ، ماناس دەرياسى قەدىمىي يولى ۋەليۇفۇ دەرياسى ، موخې ئۆستىڭى قاتارلىق قىسمەن رايونلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن .

  بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپچىقىش ۋاقتى سەككىز يىل بولۇپ ، 2011 – يىلىدىن 2018– يىلىغىچە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 371 مىليون 337 مىڭ 600 يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن .

  ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى نەم يەرلەرنى قوغداش ۋەئەسلىگە كەلتۈرۈش ، پەن – تېخنىكىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ، مۇۋاپىق پايدىلنىش ۋە جەمئىيەت ئورتاق باشقۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ،بۇنىڭدىن بۇرۇن سايرام ، ئۈرۈمچى سايئوپۇكۆلى دۆلەتنىڭ نەم يەر باغچىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش