رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 345 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك كۇرسلۇق مەھسۇلاتتىن 40 ى كۆپەيدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونومرايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبى، شىمالىدىن كەلگەن قىزىلمۈچ مەھسۇلاتلىرى، ئىنچىكە پىششىقلانغان قوي – كالا گۆشى مەھسۇلاتلىرى، سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، يەل – يېمىش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاشلىق – ياغ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 40 مەھسۇلات ‹‹2010 – يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كۇرسلۇق مەھسۇلاتى›› بولۇپ باھالانغان.

  1999 – يىلىدىن باشلاپلا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىقنازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش، بېكىتىش خىزمىتىنى يولغاقويغان. ھازىرغىچە، 205 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ماركا كۆپ، مۇرەككەپ بولۇش، تەرتىپسىز رىقابەتلىشىش، مەھسۇلاتلارنىڭ رىقابەت كۈچى ئاجىز بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رايونلار بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، سانائەتلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش