رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 404 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدا 2009–يىللىق يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى گېئودېزىيەلىك تەكشۈرۈش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈر ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايون 12– فېۋرال 2009 – يىللىق يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى گېئودېزىيەلىك تەكشۈرۈش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى گېئودېزىيەلىك تەكشۈرۈشخىزمىتىگە رەھبەرلىكقىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نۇرلان ئابىلمەجىن ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپقىلىپ، بۇ ئىككى جاينىڭ يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى گېئودېزىيەلىك تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھئارقىلىق يىراقتىن سېزىپ (گېئودېزىيەلىك)كۆزىتىپ، يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  2009 – يىللىق يەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى گېئودېزىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستىدا قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمى خېلى زور بولۇپ، كۆلىمى 11 مىڭ900 موغا يەتكەن ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىنىغان يەر كۆلىمى جاۋابكارلىقنىسۈرۈشتۈرۈش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا بۇ ئىككى جاينىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىشلەتكەن يەرلەرنى تۈزىتىش،تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئەمەلىيلەشمىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستلىق خەلقھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزىنى سەممىي تەكشۈردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: تەنقىد – تەربىيەنى جەزمەن كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، تەدبىرقوللىنىپ، تۈزىتىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چوقۇمياخشى ئىشلەپ، بولۇپمۇ تۈزىتىشكە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قانۇنغاخىلاپ يەر ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز. (لىخۇا خەۋىرى)
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش