رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 437 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (30 – نومۇرلۇق)

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسى> توغرىسىدىكى قارارى» 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  2010– يىل 12 – ئاينىڭ 1– كۈنى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنى قاراپ چىقىپ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسى››نىڭ 33 – ماددىسىنىتۆۋەندىكىچە تۈزىتىشكىرگۈزۈشنى قارار قىلدى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن بەشتىن كۆپرەكى يازما بىرلىشىپ، دائىمىي كومىتېت تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ. بۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش – سۇنماسلىقنى مۇدىرلار يىغىنى قارارقىلىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتيىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان بولسا، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغۇچى يىغىنغا كەلسە ياكى يازما پىكىر بەرسە بولدۇ؛ مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، تەكلىپ بەرگۈچىلەرگە ئىزاھات بېرىدۇ››.

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسى›› مۇشۇ قارار بويىچە تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش