رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 415 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

نۆلدىن تۆۋەن 10 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس قاتتىق سوغۇقتا قېلىنكىيم كىيىپ، يۈز – كۆزلىرىنى چىڭ ئورىۋالغان ئىشچىلار سانجى شەھىرىنىڭ ئەرليۇگۇڭ يېزىسىنىڭ بېتۇن زاۋۇتىدا ئۈرۈمچى – سانجى يولىنىڭ غەربكە كېڭەيتىلگەن قۇرۇلۇشىدىكى شاڭساخى كۆۋرۈكىنىڭ 30 مېتىرلىق ساندۇقسىمان لىمىنى ياساۋاتاتتى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى– سانجى يولىنىڭ غەربكە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئىجرا قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە،ئىشچىلار ھازىر ماتېرىيال تەييارلاش ۋە ئۈسكۈنە تەكشۈرۈش – رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن، قۇرۇلۇشتا ئۆز قەرەلىدە ئىش باشلاپ، ئىككى ئاي بۇرۇن قۇرۇلۇشنى تاماملاپ، 1 – ئاۋغۇست رەسىمىي قاتناش باشلاشقا تىرىشىۋېتىپتۇ.

  ھازىر ھاۋا يەنىلا سوغۇق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزداتاشيول قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاش قەدىمى توختاپ قالمىدى. 28 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى قاينام – تاشقىنلىق ئىچىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ، 10 مىڭدەك قۇرۇلۇش ئىشچىسى قۇرۇلۇش مەيدانىدا تەييارلىقنى پۈتكۈزۈپ، پات ئارىدا ئىش باشلاش ھەم قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىمۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا تەق بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ؛ يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرى پۇختائىشلىنىۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى تۈرىدىن 11 قۇرۇلۇشنىڭ مۈمكىنلىك تەتقىقاتى ۋە دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتى تاماملاندى، ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلۇش چېرتيوژى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەتتەيۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقاتى تاماملىنىپ، بەزى تۈرلەر قۇرۇلۇش قىلىش بويىچە خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغاقەدەم قويدى، جايلار3 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىق تۈرلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورتنازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹12 – بەش يىل››دا، ئاپتونوم رايون بويىچە قاتناش تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنىمىسى 150 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگە (بىڭتۇەنىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي مۇساپىسى 76 مىڭ كېلومېتىرغايېتىدىكەن. 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچەيۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ مۇساپىسى 5000 كېلومېتىرغا يېتىپ، ‹‹11 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكىسىنىڭ 4.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن؛ يېزا تاشيوللىرىنىڭ مۇساپىسى 110 مىڭ كېلومېتىرغا يېتىپ، ھازىرقىدىن 7000 كېلومېتىر كۆپىيىدىكەن؛ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننى تۇتاشتۇرىدىغان يوللارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدىكەن، ناھىيە، شەھەر ۋە تۇەن – مەيدانلارنىڭ ھەممىسى 2 – دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيوللار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىكەن،شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن يېزا – بازارنىڭ ھەممىسىدە يوللارغا قاراماي ياتقۇزۇلۇدىكەن،%90 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يوللىرىغا قارامايياتقۇزۇلۇدىكەن.

  بۇ يىل ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قاتناش – تىرانسپورت مۇقىم مۈلكىگە 3مىليارد 500مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تاشيول ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىن 62سى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 7569 كېلومېتىر يول ياسىلىدۇ. كۈيتۈن – قاراماي، كۇچا– ئاقسۇ، ئارا يۇلتۇز – تۇرپان 2 – قارارلىق ۋە داخۇاڭشەن – گۇچۇڭ قاتارلىق ئون يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ئىشلىنىلىدۇ؛ ئۈرۈمچىنىڭشەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك شەرقىي،غەربىي لىنىيەسى، ئاقسۇ – قەشقەر، قاراماي – ئورقۇ، كۆيگەن تاغ – كۆكتاغ قاتارلىق 12 يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەر تېز يولى ئومۇميۈزلۈك ياسىلىشقا باشلىنىدۇ؛ ئۈرۈمچى– چولاقتېرەك ئېغىزى، مايتاغ – قورۇل، چىڭگىل – تۇزلۇق كۆل قاتارلىق 26دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك يوللارنىئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى،بايلىق ئېچىش يولى تۈرى قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن شيەنگو مۇنداق دېدى: ‹‹قاتناش سىستېمىسى بويىچە ‹‹ ئۈچ يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بەش يىلدا ھالقىش، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە قاتناش تۈگۈن مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىش›› تەك ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىشتە قەدەمنى ياخشى تاشلاپ،پۇختا بېسىپ، ئاساسنى چىڭ ئورنىتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر قىش، بۇ يىلئەتىيازلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي پىلانلاپ، قىش پەسىلىدىمۇ ئىشلەپ، خىزمەتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، يول بويىدىكى ئاممىنى قاتناشنىڭ ھالقىما تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بالدۇراق بەھرىمەن قىلدۇرۇشقا تىرىشتۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تاشيول لايىھەسىدە يۇقىرى پەللىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىمدىلا ئىشلەپ لايىھەنى پۈتكۈزدۇق. (يۇەن لېي خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش