رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 417 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ «12–بەش يىل» دا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 11مىليون ئادەم(قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشت ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. شىنجاڭ بۇ يىلدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدەيېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 11مىليون ئادەم (قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگەئاشۇرۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل، تېزرەك ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا 2 مىليون 197 مىڭ 400دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەر %83.77 نى ئىگىلەيدىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا مەركەزلەشكەن ئىكەن. ‹‹11 – بەش يىل››داشىنجاڭ يېزىلىرىدىن 8 مىليون ئادەم(قېتىم) ئارتۇق ئەمگەك كۈچىيۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەمگەك مۇلازىمىتىدىن يارىتىلغان كىرىم 19 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ 2 مىليون 114 مىڭ 600 ئادەم(قېتىم) ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەن؛ 380 مىڭ دېھقانئىشلەمچىنىڭ نېسى قالغان 130 مىليون يۈەنئىش ھەققى ھەل قىلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇپ قېلىنغان.

  ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رايون ئىچىدىكى شەھەر، بازارلار ۋە 2 –، 3 – كەسىپلەرنى ئاساسىي يۆنىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارغا ئۆتەلمىگەن تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مەخسۇس كەسپىي ئىقتىدار جەھەتتىنتەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىدۇ، 2011 – يىلى پىلان بويىچە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم(قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ھەر يىلى 200 مىڭ ئادەم (قېتىم) نى كۆپەيتىپ، بەش يىلدا جەمئىي 11 مىليون ئادەم(قېتىم) نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ جايلاردادېھقان ئىشلەمچىلەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتمەركىزى قۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ؛ دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر، بازارلارغانوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتىنى قويۇۋېتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر، بازارلاردا نوپۇسقا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش