رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 406 قېتىم كۈرۈلدى
مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كۆزىتىش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مەركەزنىڭ ئۈچىنچى يەرلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 15 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى. ئاپتونومرايونلۇق پارتكومنىڭشۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئەھۋال ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركەزنىڭ ئۈچىنچى يەرلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن شياۋچۈن كۆزىتىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى.

  نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن،خەن يۇڭ، جۇ جىنلىن،فۇ چياڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجانتۇراخۇن، خۇ ۋېي ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەزنىڭ ئۈچىنچى يەرلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىڭ يەنلىڭ قاتارلىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا مەركەز كۆزىتىشخىزمىتىگە رەھبەرلىكقىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدارخادىملار ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  بۇلتۇر10 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە مەركەزنىڭ ئۈچىنچى يەرلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىشىنجاڭدا ئۈچ ئايدىنكۆپرەك مەركەزلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ھۆكۈمەت رەئىسلەر ئىش بېجىرىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى؛ئاپتونوم رايوننىڭ تۆت چوڭ بەنزىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بەنزىسىدىكى خادىملار شۇنداقلا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) مەسئۇللىرى بىلەنئايرىم پاراڭلىشىپ، كەڭ دائىرىدە تەكلىپ پىكىر ئالدى. يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۇەننىڭ بەش شىسى، 17 ناھىيە، شەھەر، رايون، سەككىز دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق مەيدانىدا تەكشۈرۈپتەتقىق قىلدى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېزىلارغا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىدىن ھال سوراپ، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.

  سۈنشياۋچۈن ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىسۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش،ئىقتىسادنى تەرەققىيقىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. سۈن شياۋچۈن ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم تەكلىپ بەردى. تەكلىپتە، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەتيىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ‹‹12 – بەش يىل›› يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ھالقىما تەرەققىياتۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنىئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەستايىدىل قوغداپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلاقول قاتتىق بولۇش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىناق،مۇقىم مۇھىت يارىتىش؛ چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ساھەسىدىكى مەخسۇستۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش؛ بىڭتۇەن خىزمىتىنى تېخىمۇ قوللاش، بىڭتۇەننىڭ ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىش، بىڭتۇەننىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىكى خىزمەت سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىرىنچى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىلمىي ھالقىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپكېتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ج كپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 –، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئاساسىي تېما ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ،يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2015 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەركەزنىڭ، جايلارنىڭ ياردىمى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنمىسىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاممىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش ساپاسىنىتىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە چەت – يىراق تاغلىق رايون، قاتتىقسوغۇق بولىدىغان رايون قاتارلىق نامرات رايونلاردىكى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى تەۋرەنمەي قوغداپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىدائىملاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى توسۇش››قا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭچىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش، باشقۇرۇشنىكۈچەيتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، مەمۇرىيەت ئىستىلى دۇرۇس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيەتەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. (لى شىڭ خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش