رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 413 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى مۇدىرلىرىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچيىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈلبۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹قۇرۇق شەكىل›› بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تورلاشتۇرۇش، خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەرىكىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتلىرى خىزمەتلەرنى پۇختائىشلەپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا،كەنت، بازار قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا قارىتىپ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامدا ‹‹رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، تايانچ كادىرلار قوشۇنىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش،تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ياخشى ئىجرا قىلىش، ھەرىكەتنى دائىملاشتۇرۇپ ئۈنۈمىنى ياخشىلاش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش››تىن ئىبارەت ‹‹بەشتە ياخشى›› ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى بويىچە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ياشلار – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ‹‹پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى مەدھىيىلەش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش›› باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى تەربىيەسىنى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننىقىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇگۈزەل قىلىپ قۇرايلى›› باش تېمىسىدىكى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى، دۆلەت ئەھۋالى، رايون ئەھۋالى تەربىيەسى ۋە ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەمبۇ پائالىيەتلەرنى مەكتەپلەرگە، مەھەللىلەرگە (يېزىلارغا)، بالىلار ئارىسىغا ئېلىپكىرىپ، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (جىن بو خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش