رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 438 قېتىم كۈرۈلدى
«12–بەش يىل»دا ش ئۇ ئا ر نىڭ قۇملىشىش كۆلىمى كېڭەيمەيدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىقخىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹12 – بەش يىل››دا، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 2مىليون 500 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورمان ئەھيا قىلىدىكەن، 6 مىليون مودىن ئارتۇق يەرنىڭ قۇملىشىشىنى تىزگىنلەيدىكەن، 2015 – يىلىغا بارغاندا قۇملىشىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى%0 دە كونترول قىلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلمىي ھالقىش، خەلقنى بېيىتىش، ئورمانچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشتىنئىبارەت تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسى، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئورمانچىلىق كەسپى سىستېمىسىۋە مول مەزمۇنلۇق ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئورمانچىلىقتىكى ئون چوڭ ئېكولوگىيەقۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆكەرتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىزيۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ. بوستانلىق، قاقاسلىق، دەريا جىلغىسى، تاغلىق رايوندىنئىبارەت ئۆز ئارا بېقىنىدىغان تۆت چوڭ ئېكولوگىيەلىك مۇداپىئەسىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ،قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم جايلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، چوڭ كۆلەمدە قۇمنى تىزگىنلەپ ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش، قاشالاپقوغداش، ئورمان ئەھيا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەئورمان بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ. 2015 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %4.5 كە، بوستانلىقلىرىنىڭ ئورمانبىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %28.5 كە يەتكۈزىدۇ. (ياڭ جيې خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش