رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 539 قېتىم كۈرۈلدى
بايدېن ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 10 – يانۋار تېلېگراممىسى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 10 – يانۋار كەچتە ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى.
    ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا شۇ كۈنى قاتتىق ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، نۇرغۇن يول قامال قىلىندى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھاۋادىن قاتتىق نازارەت قىلدى. مۇخبىرىمىز ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەندە، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدار: ھازىرچە تېخى سىرتقا ھىچقانداق ئۇچۇر ئاشكارلىمىدۇق، دېدى.
    ئاقساراي شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ كۈنى كابۇل ئايروپورتىغا كېلىپ، ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى، دېدى. بايدېن ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.
    ئاقساراي مۇنداق دېدى: بايدېننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىغا خەۋپسىزلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىغا باھا بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا بەرگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەدىسىنى نامايان قىلىش. زىيارەت مەزگىلىدە، بايدېن يەنە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقان خادىملار بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر مەشىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.
    2010 – يىلى ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل بولدى، ش ئا ئە ت قىسىملىرىدىن جەمئىي 711 ئەسكەر قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئەسكىرى 499 كىشى
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش