رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 449 قېتىم كۈرۈلدى
پارتىيە ئىستىلى ، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ2010–يىلىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ( 4 )

ئاپتونوم رايونىمىز 2010 – يىلى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش ئارقىلىق، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش خىزمىتىنى ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ھەقىقىيكۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيەئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش زورۋەزىپىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۆتكەن يىلى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 27نىتەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 39 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بەردى. سىياسىي ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم، بايرىقىنىڭ روشەنبولۇشىغا كاپالەتلىكقىلدى.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نەق پۇل، باھالىق ئاكسىيە، تۆلەم دوكۇمېنتى، پاي بېرىش – ئېلىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تۈزەتتى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 40 رەھبىرىي كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپپۇل، باھالىق ئاكسىيە بولۇپ جەمئىي 1مىليون 70مىڭ يۈەننى يۇقىرىغا تاپشۇردى؛ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى، پەرزەنتى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ جۆرىسى، شۇنداقلا يېنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ رەھبىرىيكادىرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سودا قىلىشى، كارخانا قۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئەستايىدىل تۈزىتىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئالتە كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىدا ھەشەمەتچىلىك قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى چۈشۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاش مەسىلىسى قەتئىي تۈزىتىلدى.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشىغا دائىر خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەل (چېگرا سىرتى) گە چىقىشنى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا، % 52 ۋە % 42.2 تۆۋەنلەتتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەل (چېگرا سىرتى)غا چىقىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش ۋە ئۇلارنى ماڭغۇزۇش، ھۆكۈمەتئىشى بىلەن مېھمان كۈتۈش خىراجىتىنى مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان كونترول قىلىش ئۆلچىمىگە قارىغاندا،% 51.9،% 22.8 ۋە% 25 تۆۋەنلەتتى، توك، ماي ۋە سۇ ئىشلىتىش، يىغىن ۋەئالاقىلىشىش خىراجىتىنى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگەقارىغاندا،% 2.4 ئازايتتى، يېڭىدىن ھەشەمەتلىك بىنا – ساراي سالدۇرمىدى. مەبلەغ يىغىپ ئۆي سېلىشنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى، بۇنىڭبىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارتۇق ئىگىلىۋېلىنىغان 498 يۈرۈش ئۆي قايتۇرۇۋېلىندى، تولۇقلاپ تۆلەنگەن 170مىليون يۈەن ئۆي پۇلى تاپشۇرۇۋېلىندى. يېزا، ئالىي مەكتەپ، كارخانىلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرىسۈردى. يېزىلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يەر ئېنىقلىنىپ قايتۇرۇۋېلىندى. ‹‹شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكر›› نى چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىسى ۋە دۆلەت پايكونترول كارخانىسى، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 200 شۇجىسىنى تەربىيەلەپ، كارخانا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايون كادىرلارنى رىقابەت بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر قېتىمدا جەمئىيەتتىن نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 34 نى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈردى؛ ئومۇمىييىغىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىدا كادىرلارغا ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى پائال ئىلگىرى سۈردى؛ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ، 1331 ئادەم (قېتىم) كادىرنى تەيىنلەش ئىشىبويىچە پاكلىق ھۆججىتى ئەۋەتتى. پارتىيە،ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىلئىجرا قىلىپ، 366 رەھبىرىي كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەر، سەككىز نازارەت – ئىدارە، ئىككى ئالىي مەكتەپ، ئىككى دۆلەت كارخانىسى، ئالتە ناھىيە، شەھەرنى كۆزىتىپ، 64 تۈرلۈك تۈزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى›› نى چىقىرىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، خىزمەت مېخانىزمى ۋە يانداشما تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇردى. مەمۇرىيەت، زاۋۇت، كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنىئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ،بۇ بويىچە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئاشكارىلاش سىناق نۇقتىلىرىنى بېكىتتى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش