رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 356 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭنىڭ تاشيول ترانسىپورت يىغىنىدا يېڭى نىشانلار بەلگىلەندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ترانسپورت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ترانسىپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر بىرۋىلايەت ، ئوبلاستتائىككىدىن كۆپ يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنى تاللاپئاممىۋىي قاتناش لىنىيەسى بويىچە ئۆزگەرتىپ ، شەھەر ۋە يېزا يولۇچى ترانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، شەھەر ، يېزا يولۇچى توشۇش ترانسپورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشمۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ترانسىپورتتارماقلىرى يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ، يېزايولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنى ئاممىۋىي قاتناش لىنىيەسىبويىچە ئۆزگەرتىشتىنباشقا ، جايلارنى شۇجايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تولۇقلىمىسىنىئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە مەدەت بېرىپ ، يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ ھەمدە تىرىشىپ ئاپتونوم رايون ‹‹ يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت تەرەققىيات يېتەكچى پىكرى ›› نى يولغا قويۇپ ، ھۆكۈمەت يېتەكچى مىخانىزىمى قۇرۇپ ، مەخسۇس تۈر مەبلىغى تولۇقلىمىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ماي باھاسىدا تولۇقلىما بېرىشكە مايىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردىن پايدىلىنىپ ، يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورتىدىكى توشۇش كۈچى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەر ، تېجەشلىك ، ئازادە ، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىللارغا يۈزلىنىشىگە مەدەت بېرىپ ، يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنىڭ تور ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرىدۇ . يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت تورىنى تەقسىملەش خەرىتىسىنىتۈزۈشنى تېزلىتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاست، ئىلى ، ئارال ، تۇمشۇق قاتارلىق جايلارنىڭ يېزا يولۇچى توشۇش ترانسىپورتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ ، يول تۇتاشتۇرۇلغان كەنتلەردە ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتىنى %90 كە يەتكۈزۈشنىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  بۇ يىل ،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش ترانسىپورت تارماقلىرى يەنە تىرىشىپ يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيە تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نۇقتىلىق تۈردە قەشقەرشەھىرى ، كورلا شەھىرىنى مەركەز قىلىپ ، ھەر قايسى ناھىيە ، شەھەرلەرگە تۇتىشىدىغان يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىدۇ . شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئۈرۈمچىنى مەركەزقىلىپ ، چۆچەكتىن سانجى شەھىرىگىچە ، بورتالا شەھىرىدىن چۆچەككىچە بولغان ئاساسىي ناھىيە شەھەرلەرنىڭ يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنى قۇرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا شىخەنزىدىن كورلاشەھىرىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بىۋاستە قاتنايدىغان يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنىتۇتاشتۇرىدۇ. قومۇل ، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئاساسلىقى شەرق بىلەنتۇتاشتۇرۇلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكىلەر ئارا يولۇچى توشۇش ترانسىپورت لىنىيەسىنى قۇرىدۇ .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش