رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 465 قېتىم كۈرۈلدى
«12–بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ كۆمۈر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ ، قالاق ئىشلەپچ ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرسانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ‹‹ 12–بەش يىل ›› مەزگىلىدە ، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارلىرىنى شاللىۋېتىدىكەن . 2015–يىلغا بارغاندا ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300مىڭ توننىدىن ئاز بولغان كىچىك كۆمۈر كانلارنى ئاساسىي جەھەتتىن يوق قىلىپ ، ئىشلەپچىقىرىش تۈجۈپىلەنگەن ، زامانىۋىلاشقان ۋە ماشىنىلاشقان چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلاردىن بىر تۈركۈمنى قۇرۇپ چىقىپ ، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونىمىز–ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقى مەنبەسىدىكى چوڭ رايون بولۇپ ، ‹‹ 11–بەش يىل ›› مەزگىلىدە ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، شېنخۇا ، خۇانېڭ، خۇادىيەن ، لۇئەن قاتارلىق 60 نەچچە چوڭ كارخانا ، چوڭ گۇرۇھنى جەلپ قىلدى . شەرقىي جۇڭغار ، قومۇل ،ئىلى قاتارلىق 4 چوڭكۆمۈر بازىسى ، 13 نۇقتىلىق كان رايونى ۋە 11 ئادەتتىكى كان رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى ، «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» تىكى كۆمۈر توشۇش مەخسۇس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 750 كېلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىشىگە ئەگىشىپ ، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىئۈزلۈكسىز ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش جەھەتتە ، كۆمۈر كانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇش ، ئوتتۇرىچەكۆلىمى كىچىك بولۇش ، كەسپنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى يەنىلا ساقلانماقتا .

  «12–بەش يىل»مەزگىلىدە ، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ . جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى خوتەن ، قەشقەر قاتارلىق كۆمۈر كەمچىل رايونلاردىن باشقا ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننىدىن ئاز بولغان كىچىك كۆمۈر كانلارنى ئاساسىي جەھەتتىن يوق قىلىدۇ . 2015–يىلغا بارغاندا ، زامانىۋىيلاشقان چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈر كاندىن 200 نى قۇرۇپ ، كۆمۈر كانلاردىكى ھەر بىر مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۆلۈش ــ يارىلىنىش نىسبىتىنى %0.3 تىن تۆۋەن نۇقتىدا كونترول قىلىدۇ. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش