رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 389 قېتىم كۈرۈلدى
مېتېئورولوگىيە ساھەسىدىكى 36كادىر شىنجاڭغا ياردەمگە كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مېتېئورولوگىيە كەسپىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، تەتقىقاتى ۋە ھازىرقى زامان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرىدىن تاللانغان 36 كادىر يېقىندا شىنجاڭغا ياردەمگەكەلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، مېتېئورولوگىيە ساھەسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە، جۇڭگو مېتېئورولوگىيەئىدارىسى بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەر ۋە جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق يەتتە ئورۇندىن36 كادىرنى تاللاپ، شىنجاڭدا بىر يېرىم يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى ئۆتەشكە ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 19 ى ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسىپ – تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، ئاممىۋى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ھاۋاغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىيھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش قاتارلىقساھەلەر بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر(ناھىيە)دىكى مېتېئورولوگىيە ئىدارىلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۈچشىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن. ( لالە خېلىل خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش