رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 403 قېتىم كۈرۈلدى
پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايوننىڭ سودا خىزمىتى يىغىنى 11 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىيكومىتېتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىنرەئىسى خۇ ۋېي يىغىندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زورتەرەققىي قىلىش تارىخىي پۇرسىتىنى كۈتۈۋالماقتا، ھەردەرىجىلىكسودا تارماقلىرى بۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرىسۈرۈشى كېرەك.

  ‹‹11 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورتى تېز ئاشتى، تاشقى سودائىمپورت – ئېكىسپورتئومۇمىي سوممىسى 76 مىليارد دوللارغا، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 870 مىليون دوللارغا يېتىپ،‹‹10 – بەش يىل››دىكىدىن 3.3 ھەسسە ۋە 3.1 ھەسسە ئاشتى. چېگراسودىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدا ئۇدا 17 يىل زورسالماقنى ئىگىلىدى، مەملىكىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئۇدا يەتتە يىل بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  خۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى، تاشقى سودىسىدىكى كۆرسەتكۈچلەر زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ نەتىجىلەر خەلقئاراپۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ‹‹5 – ئىيۇل ۋەقەسى››نىڭ قوش تەسىرى بولغان ئەھۋالدىمۇ قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىدى، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بىرتۈركۈم ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرى ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك بايلىق.

  خۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك سودا تارماقلىرى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، شۇنداقلا بازار تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ‹‹كىرگۈزۈش، چىقىرىش›› قەدىمىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەۋىيەسىنى يارىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەردەرىجىلىك سودا تارماقلىرى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ( لى جىڭسۇڭ خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش