رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 386 قېتىم كۈرۈلدى
19ئۆلكە ،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىناق تۈرىدە دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11 -فېۋرال ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا ئېچىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار يېتەكچىلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغانئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇ يىل چاغانغىچە 172 سىناق تۈرىنى يولغا قويۇپ، 79 سىناق تۈرىنى تاماملىغان، شەھەر، بازارلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بۇ تۈرلەر ياردەم بېرىلگەن جايلاردىكى ھەرمىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا ‹‹چوڭ ئائىلىسى››نىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەمىنلگەن ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقاقارىغاندا، شىنجاڭغاياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان 172 تۈرگە تەخمىنەن 5 مىليارد 808 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 2 مىليارد 638 مىليون يۈەنىنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چىقارغان. قۇرۇلۇش تاماملانغان 79 سىناق تۈرىگە 2 مىليارد 326 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 1 مىليارد 247 مىليون يۈەنىنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چىقارغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2010 – يىلى مەركەز شىنجاڭغا ياردەم بېرىشخىزمىتى يىغىنى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەتيىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەمبېرىدىغان 19 ئۆلكە،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ خىزمەت ئەترىتى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئاۋۋال يولغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى سىناق مەبلىغىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ،شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، ياردەم بېرىلىدىغان رايونلار جىددىيئېھتىياجلىق بولغان،پۇقرالار جىددىي تەقەززا بولۇۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ساھەلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىناق تۈرلىرىنى يولغا قويغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش