رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 406 قېتىم كۈرۈلدى
تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 60بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيەدىن بەھرىمەن ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 60 بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن، شەرتكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلار 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن15 – كۈنىگىچە ماتېرىياللىرىنى يوللىسا بولىدىكەن.

  بۇ قېتىم ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانبالىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىنبەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتى بولغان؛ بالىلارنىڭيېشى تۆت ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان؛ يۈرەك دالانچە پاسىلى كەمتۈكلۈك، يۈرەك قېرىنچىسى كەمتۈكلۈك، ئارتېرىيە قانىلى ئىتىلمىگەن ياكى ئۆپكە ئارتېرىيەسى تار بولۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل تۇغمايۈرەك كېسىلىنىڭ بىرىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئىكەن. تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دوختۇرخانىدا بالىنى يۈرەك رەڭلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، ئېلېكتىرونلۇق يۈرەك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرتكەنلىك ئىسپاتى؛ ئۇدۇلدىن، ياندىن تارتىلغان رېنتىگىن نېگاتىپى؛ نوپۇس، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەننۇسخىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بالىنىڭ بىر دىيۇملۇق رەسىمىدىنئىككى پارچە تەييارلاپ، ماتېرىياللارنى پوچتا تېز يوللانمىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرى دېموكراتىيە يولى31 – نومۇر ‹‹يېڭى ئەسىر پاركسون شىجى بەيشىڭ›› سارىيىنىڭ 10 – قەۋىتىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار،بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىگە ئەۋەتسە بولىدىكەن. بۇ 60 بالا 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ، ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭتۈرتكىسىدە ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللاربىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار،بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشنى ئۈستىگە ئالغان. ئوپېراتسىيە خىراجىتى جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ تۈر مەبلىغىدىن ئاجرىتىلىدىكەن. مۇشۇ تۈرنىڭ تۈرتكىسىدە بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئائىلىسى نامرات 13 بالا ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقايغان. (مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش