رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 458 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدا يىلىغا 300 مىڭ توننىدىن ئاز كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆمۈر كانلار بەش يىلدا ئاساسەن شاللىۋېتىل ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹12– بەش يىل›› دا شىنجاڭ كۆمۈر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ئېچىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا يىلىغا 300 مىڭ توننىدىن ئاز كۆمۈرئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك كۆمۈر كانلارنى ئاساسىي جەھەتتىن شاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش تۈجۈپىلەشكەن، زامانىۋىلاشقان، ماشىنىلاشقان چوڭ كۆمۈر كانلارنىقۇرۇپ، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.

  شەرقىي جۇڭغار،قۇمۇل، ئىلى قاتارلىق تۆت چوڭ كۆمۈر بازىسى، 13 نۇقتىلىق كان رايونى ۋە 11 ئادەتتىكى كان رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى، «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» دىكى كۆمۈر توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىدە قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشى، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تورىنى غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر سانائىتى تىز تەرەققى قىلدى ۋە سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2010 – يىلى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر 100 مىليون توننىدىن كۆپىيىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 12 مىليون 600 مىڭ توننا ئېشىپ،% 14.42 ئاشتى. كۆمۈركاندا 1 مىليون توننا كۆمۈر قېزىش جەريانىدا ئۆلۈش نىسبىتى 2005 – يىلىدىكى 6.17 دىن 2010 – يىلىدىكى 1.02 گە تۆۋەنلەپ، % 83.47 ئازايدى.

  لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا كۆمۈر قېزىۋاتقان كۆمۈركانلارنىڭ سانى كۆپ، ئوتتۇرىچە كۆلىمى كىچىك، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. «12 – بەش يىل»دا شىنجاڭ كۆمۈر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ئېچىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق كۆمۈر كەمچىل رايونلاردىنباشقا جايلاردىكى يىلىغا 300 مىڭ توننىدىن ئاز كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك كۆمۈركانلارنى ئاساسەن شاللىۋېتىدۇ، 2015 – يىلىغا بارغاندا زامانىۋىلاشقان چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈركاندىن 200 نى قۇرۇپ، كۆمۈر كاندا 1 مىليون توننا كۆمۈر قېزىش جەريانىدا ئۆلۈش نىسبىتىنى0.3 تىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. (ليۇبىڭ خەۋىرى)
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش