رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 587 قېتىم كۈرۈلدى
جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئۆت ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنى ئېچىپ، 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇقىملىق ۋەزىپىلىرىنى كونكرېت ئىش تەقسىماتى قىلىپ تەپسىلىيلەشتۈردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، فۇ چياڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇۋېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  2010 – يىل 12– ئاينىڭ 24 – كۈنى چاقىرىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا 32 ئورۇنلاشتۇرما تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.يىغىن روھىنى يەنىمۇئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىقىدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدىكى ئىشلار مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى لايىھەسى›› تۈزۈلۈپ، يىغىندا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەر كونكرېت تەقسىملىنىپ، باشلامچى ئورۇن، ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى ئورۇن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇددىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ئىككىنى توسۇش›› خىزمەت نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، يەنى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى، پەۋقۇلئاددە زور، قەبىھ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاپتونومرايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى، مۇددەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن يولغا قويۇپ، ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنىئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىزئۆستۈرۈپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق خەۋپمىللىي بۆلگۈنچىلىك دېگەن توغرا ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش؛ تەرەققىياتبىلەن مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تەچىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىرقى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەجرىبەبىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹ئىككىنى توسۇش››نى نىشان قىلىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئومۇمىيەت جەھەتتىن ئويلىشىپ، مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپىي، ئەس قاتىدىغان چارىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى يېڭى تەلەپكە يەنىمۇ ماسلىشىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقائاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ‹‹ئىككىنىتوسۇش››تىكى ئاساسىيقوشۇن بولۇشى كېرەك.پارتىيەنىڭ قوراللىقساقچى قىسىمغا بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق ساقچىقىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قوراللىقساقچى قىسىمنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  جاپپارھەبىبۇللا، جىن نو، ۋاڭ ۋېي، لەي سېيى، چى باۋۋېن، خۇ شياۋچىن، روزى ئىسمائىل، ياڭجاۋجى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ( چېڭ لىشىن خەۋىرى)مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش