رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 518 قېتىم كۈرۈلدى
چاۋشيەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە چاۋشيەن–كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش تەكىتلەندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىيۇڭياڭ، 10 – يانۋار تېلېگراممىسى. چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹مىللەتكە ئورتاق ياردەم بېرىش تورى››دا 10 – يانۋار كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلىنىپ: ‹‹ئىلگىرىكى سەتچىلىكلەر ئۆتۈپ كەتتى››، چاۋشيەن بىلەن كورېيە ھازىر ‹‹مىللىي ھەقىقەت ئۈچۈن يېڭى قىياپەت ۋە مەيدان توتۇشى كېرەك››، دەپ تەكىتلەندى.
   ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن – كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ئىككى تەرەپ ‹‹كەڭ كۆلەمدە سۆھبەتلىشىشى ۋە كېڭىشىشى كېرەك››، سۆھبەتلەشكەندىلا ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
 
   ماقالىدە يەنە كورېيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ يېقىندا چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان بىر قىسىم سۆزلىرى تەنقىدلەندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئوتتۇرىغا قويغان سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى ‹‹نىقابلانغان تىنچلىق ھۇجۇمى››دېيىش ‹‹بىمەنىلىك››، ئومۇمىي مىللەتنىڭ مىللىي يارىشىش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا ‹‹سوغۇق سۇ سەپكەنلىك››.
   ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەرتى قىلىش ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ‹‹قوشۇمچە سۆھبىتى›› قىلىۋالغانلىق.
   ماقالىدە: چاۋشيەن بىلەن كورېيە مەسىلىسى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، ‹‹ئۇنى ھەرگىزمۇ يادرو مەسىلىسىنىڭ قوشۇمچە سۆھبىتى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ پايدا – مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىق كېرەك››،دەپ تەكىتلەندى.
   چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى››گېزىتىدە 10 – يانۋار كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلىنىپ، كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى شەرھلەندى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش