رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 639 قېتىم كۈرۈلدى
سادام ئىلگىرى بوشنىڭ قىزىنىڭ كاللىسىنى ئالماقچى بولغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -10
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 

ئامېرىكا سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى دونالد. رۇمىسفېلد 8-فېۋرال مۇنداق دېدى: «ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام. ھۈسەيىن ئىلگىرى 60 مىليون ‹ئىنئام› بېرىپ قىزىمنىڭ كاللىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان».
 رۇمىسفېلد شۇ كۈنى ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ «خەيرىلىك سەھەر ئامېرىكا» ناملىق پروگىرامىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2006-يىلنىڭ ئاخىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم زىيارەتنى قۇبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ئۆزىنىڭ 2003-يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئامانلىقنى ساقلاش يىغىنىدا سادامنىڭ بۇ پىلانىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

 

 


بوشنىڭ ئىككى قىزىمۇ سادامنىڭ نىشانى بولۇپ قالغان


ئۇ بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئويلىسام ... بەلكىم ئۇنىڭغا ‹رەھمەت› ياكى باشقا سۆزلەرنى قىلار ئىدىم...بىراق سابىق زۇڭتۇڭ بوش ئۇنداق ئەمەس. ئۇ مىنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ‹سەن ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشقا سەل قارىما› دېگەنىدى».

 


ئىراق ئۇرۇشى 2003-يىلى پارتىلىغاندىن كېيىن، سادامنىڭ چوڭ ئوغلى ۋۇداي، ئىككىنچى ئوغلى كۇسەي ۋە نەۋرىسى مۇستافا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىۋىتىلگەن. رۇمىسفېلدنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا بۇشنىڭ ئىككى قىزىمۇ سادامنىڭ نىشانى بولۇپ قالغان. ئەمما بۇشنىڭ ئاخبارات يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى قوغدايدىغان كىشىلەر بار بولۇپ، بىراق رۇمىسفېلدنىڭ يوق ئىكەن. بۇ ئىش ئۇنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان ئىكەن.
رۇمىسفېلد بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىككى قىز ۋە بىر ئوغلى بار. ئۇ 8-فېۋرال رەسمىي تۈردە «بىلىدىغانلىرىم ۋە بىلمەيدىغانلىرىم» دىگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ رىچاد. نېكسون، بوش قاتارلىق پارتىيىۋى زۇڭتۇڭلار ئۈچۈن قىلغان تۆھپىسىنى سۆزلىمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش