رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 376 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيەدە خىزمەت ۋاقتىدا ئىجتىمائىي تور بېكەتلىرىدە قالايمىقان ئىشلارنى قىلغان ئەمەلدارلار جازالا ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»خەۋىرى، ئەنگىلىيەدىكى نەچچە ئونلىغان ئەمەلدار ھەم ساقچى خىزمەت ۋاقتىدا ئىجىتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىگە چىققانلىقى، مالدا تور سېتىۋالغانلىقى، سېرىق توربەتلەرنى كۆرگەنلىكى، يەنە تېخى توردا قىمار ئوينىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىدى.
ئۆتۈپ كەتكەن 4يىل ئىچىدە، ساقچىلارنىڭ face bookئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە قوپال سۆز-ئىبارە ئىشلەتكەنلىكى، قاملاشمىغان رەسىملەرنى چىقارغانلىقى توغۇرلۇق ئەرزنامىسى 200دىن ئاشىقان.ئۆتۈپ كەتكەن 3يىلدا بولسا،70تىن ئارتۇق ئىشلەۋاتقان ياكى پىنسىيەگە چىققان ئەمەلدارلار توردا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان ماتېريال ھەم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان، يەنە تېخى تۆھمەت-ئىغۋا خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقان، خىزمەت ۋاقتىدا تور دۇككانلىرىنى ئارىلىغان، ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق، ئەنگىلىيە كامبرىيە ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 2300نەپەر ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىمى خىزمەت ۋاقتىدا توردىن مال سېتىۋالغان، يەنە تېخى توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيتىگە قاتناشقان.
face bookئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتى تاپشۇرىۋالغان 187پارچە ئەرزنامىغا قارىتا، 9ساقچى ئەمەلدارى ئاخىرقى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش مەكتۇپنامە جازاسىغا ئۇچرىغان، 47نەپەر ساقچى ئاگاھلاندۇرۇش مەكتۇپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، 88نەپەر ساقچىغا توردىكى گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن، 32پارچە ئەرزنامە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن.بۇنىڭدىن سىرت، ئون نەچچە ئەمەلدار ياكى ساقچى ئەمەلدارى ئىشتىن بوشىتىلغان ياكى ئىستىپا بەرگۈزۈلگەن.
ساقچىلارنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئەمەلدارى جوج.بېك:«بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ساقچى مەھكىمىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە نېمىنى قىلسا بولىدۇ، نېمىنى قىلسا بولمايدۇ بۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋالمىغان، بۇلار خىزمەت بىلەن شەخسىي تۇرمۇشىنى ئارىلاشتۇرىۋالغان، ھازىرقى ئەھۋال بەكمۇ ئېغىر»دېدى.
ئەنگىلىيە ساقچىلار بىرلەشمىسى خىزمەت نىزاملىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇل خادىمى مەيك.كەنىڭەن ساقچى باشلىقى:«ساقچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شەخسىي سىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ دوستلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھېكايىسى ھەم نۇقتىنەزەرلىرىنى بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار، لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئۆزىنىڭ يەنە خەلق چاكىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە قارىتا ساقچى مەھكىمىسى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يېڭىلاش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ساقچى ھەم ئەمەلدالارنىڭ توردىكى گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى، بىز يەنىمۇ مۇكەممەل ھەم روشەن بولغان نىزاملارنى چىقىرىپ بېكىتىمىز»دېدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش