رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 499 قېتىم كۈرۈلدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىباننىڭ 15 قوراللىق خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 10 – يانۋار تېلېگراممىسى. ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى 10 – يانۋار مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسى بىلەن ش ئا ئە ت نىڭئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردەم بېرىش قىسىمى 9 – يانۋار كەچتە ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە تالىباننىڭ 15 قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
   قۇندۇز ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ساقچى نازارەتچىسى ئابدۇل مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسى بىلەن ش ئا ئە ت قىسىمى 9 – يانۋار كەچتە دەشت ئارچى رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىدى، بۇ ھەرىكەت 10 – يانۋار سەھەرگىچە داۋاملىشىپ، تالىباننىڭ 15 قوراللىق خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى زابىت مۇرچامۇ بار.
   قۇندۇز ئۆلكىسى ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان، 2010 – يىلىدىن بۇيان تالىباننىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. ئۆتكەن نەچچە ئايدا ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردەم بېرىش قىسىمىنىڭ ياردىمىدە قۇندۇز ئۆلكىسى ۋە قوشنا ئۆلكە باغلاندا تالىبانلارنى تازىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش