رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 974 قېتىم كۈرۈلدى
بىريۇسكونىنىڭ مەشۇقلىرى جىنسىي سەتچىلىك تۈپەيلىدىن خىزمەت تاپالمايۋېتىپتۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -01
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە زۇڭلىسى بېريۇسكونى بىلەن جىنسىي سەتچىلككە چېتىلىپ قالغان بىر نەچچە قىز ئالدىنقى كۈنى ئاغرىنغان ھالدا، ئۆزىنىڭ نامى بۇلغىنىپ كەتكەنلىكتىن، خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

 



زۇڭتۇڭ بىريۇسكونىنىڭ «دوستلىرى»


جىنسىي سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان بىر نەچچە قىز، بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار مودا ژورناللار، سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىدە مودىل بولدىغان پۇرسەت تاپالمىغان، يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئوبراز خانىمى بولىدىغان ئورۇنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ قويغان. 32 ياشلىق ئەرلەر ژورنىلى مودىلى، تىلۋىزىيە ئارتىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ يېقىندىكى بىر تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن ئالدىن تۈزۈشكەن توختامى ئەمەلدىن  قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ زۇڭلى بىلەن بولغان جىنسىي سەتچىلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقان، لىكىن ئۇ ئۆزىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر قىزنىڭ دىيىشىچە، ئۆتكۈن بىر يېرىم ئايدا ئاساسەن ئۆيدىن چىقىپ باقمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۆپ خىزمەت پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇ ئىشلار ئاشكلارنىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋاستىچىسى ئۇنى بىر قېتىممۇ ئىزدەپ باقمىغان.
مىلەن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر بىريۇسكونىنىڭ قورامىغا يەتمىگەن قىزلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئىتالىيەدە، 18 ياشقا توشمىغانلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدىكەن. نۆۋەتتە مىلەن، فلورېنسا، ئۇدىن ۋە باشقا شەھەرلەردە بىريۇسكونىنىڭ قىزلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغالغان بولۇپ، كىشىلەر قوللىرىغا «ئىتالىيە پاھىشخانا ئەمەس! » دىگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرىۋالغان ئىكەن.
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش