رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 739 قېتىم كۈرۈلدى
مىسىردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -01
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :



مىسىر نامايىشچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىۋاتقىنىغا 31-يانۋار يەتتە كۈن بولغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋەزىيىتىئاساسەن مۇقىملاشقان، بىر قىسىم بازارلاردا سودا ئەسلىگە كېلىپ، كىشىلەر سىرتلارغا چىقىپ مال سېتىۋالىدىغان بولغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن، قاھىرەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى تاللا بازىرى، كۆپ قىسىم شەخسى دۇكانلار، دورىخانىلار ۋە كۆكتات بازارلىرى

تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، مۇخبىر قاھىرەدىكى بىر بازاردا كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ مال سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. قاھىرە

كوچىلىرىدا، ھەربىي تەرەپ تانكا چىقىرىپ موھىم قاتناش تۈگۈنلىرىنى كونترول قىلغان، بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار قاتناشنى

تارقاقلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى نورمال ئىكەن.
30-چېسلا كەچتە، نەچچە مىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى كىچىدە يول يۈرۈشنى چەكلەش بويرۇقىغا قارىماي، قاھىرە شەھەر

مەركىزىدىكى ئازاتلىق مەيدانىدا تۇرىۋالغان، ھەمدە 2-ئاينىڭ1-كۈنى ئىش تاشلايمىز، ھەم نامايىش قىلىمىز دەپ ۋارقىراشقان.
1-ئاينىڭ25-كۈنىدىن بۇيان، مىسىردا ئىزچىل تۈردە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش بولۇپ تۇرغان، بۇ نامايىشلاردا ھازىرغىچە 100 دىن

ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، مىڭدىن كۆپرەك ئادەم يارلانغان. نۆۋەتتە مىسىرنىڭ قاھىرە رايۇنى، ئالىكساندىر رايۇنى قاتارلىق جايلاردا كېچىدە

يۈرۈشنى چەكلەش بويرۇقى چۈشۈرۈلگەن. 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش