رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 478 قېتىم كۈرۈلدى
پۇتىن ھىلارى كىلىنتوننىڭ رۇسىيە سايلىمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -10
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى :

رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن8-دېكابىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ يېقىندا رۇسىيە دۆلەت دۇماسى سايلىمى دېموكراتىك سايلام بولمىدى دېگەن سۆزىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھىلارى كىلىنتوننىڭ سۆزى رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىگە مەلۇم سىگنال چىقارغانلىق، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان كىشىلەرنى جازالاشنى كۈچەيتىدۇ. ھىلارى كىلىنتون 5-دېكابىر بونىندا ئافغانىستان مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە رۇسىيە دۆلەت دۇماسى سايلىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: سايلام دېموكراتىك سايلام بولمىدى ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالىدىغان كىشىلەر ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك، رۇسىيەلىكلەرنىڭ سايلام بېلىتىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ئۇ 6-دېكابىر ۋېلنىستا ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ سايلىمىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش