رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1040 قېتىم كۈرۈلدى
2 نەپەر ئىرانلىق سېرىق توربەت ياسىغۇچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -31
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

جوڭشىن تورى 31-يانۋار تېلگىراممىسى چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرىدە دېيلىشىچە، ئىران سوتى 30-يانۋار سېرىق تور بەت تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان ئىككى نەپەر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
ئىران سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئابباس جافارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر شەھۋانىي تور بەت باشقۇرغۇچى ئايرىم-ئايرىم ئىككى سوت مەھكىمىسىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىران ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان.
ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، ئىراندا تۇغۇلغان كانادالىق ئادەم سېرىق تور بەت ياسىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن. 35 ياشلىق سەيدى سېرىق تور بەت ياساپ مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا ھۆرمەسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2008-يىلى دۆلەتكە قايتىپ ئاتىسىنى يۇقلىغان ۋاقىتتا ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.
نۆۋەتتە، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكى ئىران بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى، سەۋەبى ئىران تەرەپنىڭ بىر نەپەر گوللادىيەلىك زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق ئايالنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقى ئىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش