رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2587 قېتىم كۈرۈلدى
لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى كازافىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -22
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: 

لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەبرائىل تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كازافىنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قوراللىقلىرى سىرتنى ئىشغال قىلىش كۈرىشىدە تۇتۇلغانلىقى، يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

جەبرائىل: لىۋىيە خەلقى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ھازىر يېڭى لىۋىيە بەرپا قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، دېدى. ئۇ ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالجىرىيەگە قېچىپ بارغان كازافىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كازافىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چەتئەللەرگە ئېلىپ كەتكەن مال-مۈلۈكنى لىۋىيە خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، كازافى قۇراللىق كۈچلىرىگە تەۋە بىر قانچە ئەسىر كازافى ھەمدە سابىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىنى ئاشكارىلاپ قويغان، ھاكىمىيەت دائىرىلىرى ئارقىدىن بۇ يەرنى ئاختۇرغاندا، مىسراتادىن كەلگەن قەبىھ يولۋاس قىسمى كازافىنى تۇتتىۋالغان.

لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى فېسۇر ئەرەبى كازافىنى تۇتۇش جەريانىدا ئۇنىڭ يۈزى، پۇتىغا ئوق تەگگەنلىكى، ئۇنى مىسراتاغا يۆتكەش داۋامىدا يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

 سىرت ۋە تىرىپولىدا ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قۇراللىقلىرى كازافىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كوچىلارغا چىقىپ ساليوت ئېتىپ تەبرىكلىدى.

كازافى 1942-يىلى سىرتتا كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1969-يىلى 1-سېنتەبىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىدرىس پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ رەئىسى قوشۇمچە قۇراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1979-يىلى 3-ئايدا بارلىق مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1-سېنتەبىر ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىلا ئۆتىگەن.

بۇ يىل 17-فېۋرال، لىۋىيەدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش بولدى، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دۆلەتتە مالىمانچىلىق تىنچىماي كەلگەنىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

(ئەسكەرلەر كازافىنىڭ جەسىتىنى سۈرەتكە تارتماقتا)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش