رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 542 قېتىم كۈرۈلدى
سۇداندىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش داۋالغۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

‹‹ئەرەب ئەللىرى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن!››ئالجىرىيەدە چىقىدىغان ‹‹ۋەتەن گېزىتى›› 9 – يانۋار سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشقا شۇنداق باھا بەردى. ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش بىر ھەپتە داۋاملىشىپ، سۇداننىڭ جەنۇبىنىڭ سۇداندىن بۆلۈنۈپ چىقىش – چىقماسلىقى قارار قىلىنىدۇ. جامائەت بىردەك: ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش سۇداننى ئىككىگە ئايرىۋېتىدۇ، سۇدان ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىنى ۋە تۆتتىن بىر قىسىم نوپۇسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. جامائەت سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ جەنۇب – شىمال ئىچكى ئۇرۇشىنى قايتىدىن قوزغىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بولۇپمۇ سۇداننىڭ ئەتراپىدىكى چاد، ئېفىيوپىيە، كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سۇداندىكىگە ئوخشاش مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولغاچقا، سۇداندىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە تەسىر كۆرسىتىپ، ئافرىقىدا يېڭى داۋالغۇش ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
   مۇخبىر شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ سۇدانغا ئەۋەتكەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى كۈزىتىش ۋەكىللەر ئۆمىكى خارتۇم گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ خارتۇمنىڭ مامۇرا كۇلۇبىدىكى 1302 – نومۇرلۇق ئاۋاز بېرىش پونكىتىنى زىيارەت قىلدى. خارتۇم ئىلگىرىكىدەكلا تىپ تىنچ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش تەرتىپى نورمال ئىدى، پەقەت بەزى مەكتەپلەر ئاۋاز بېرىش ئورنى قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنىدى، ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلارمۇ كۆپەيتىلگەندەك ئەمەس ئىدى.
   بىراق جەنۇبتىكى ئوبلاستلاردا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، ئاۋام سەل جىددىيلەشتى، جەنۇب ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى جۇبا قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەردە كىشىلەر نەچچە كۈندىن بۇيان سۇداندىن ئايرىلىش تەلىپى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى، ‹‹خەير – خوش سۇدان!›› دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى. جەنۇب ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ مىنىستىرى تېخى مۇخبىرلارغا: ‹‹بىز مۇسۇلمانمۇ، ئەرەبمۇ ئەمەس، شۇڭا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئويلاشمايمىز››، دېدى. ئۇلار ھازىر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى نامىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، ئىگىلىنىشىچە، ‹‹نىل جۇمھۇرىيىتى›› دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق نىل دەرياسىنىڭ خېلى ئۇزۇن بىر قىسمى مىسىر زېمىنىدا بولغاچقا، مىسىر ئۇنداق ئاتاشقا قوشۇلمايدىكەن.
   سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ نەتىجىسى بۆلۈنۈشنى قوللىسا، ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ. جەنۇبىي قىسىمدا ئۇزاق يىل ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بولدى، مۇقىم دۆلەت قۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيدۇ، جەنۇبىي قىسىم مۇستەقىل بولسا، سۇداننىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن جەنۇبلۇق قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولالمايدۇ.
 
   مىسىردا چىقىدىغان ‹‹جۇمھۇرىيەتچىلەر›› گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: سۇداندىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئافرىقا ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇغراپىيە ۋە سىياسىي خەرىتىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇنى ئۆزگەرتىدۇ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان ‹‹ئوتتۇرا شەرق›› گېزىتىنىڭ 9 – يانۋاردىكى ئوبزورىدا: ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇنچىۋالا ناچار بولۇشى ناتايىن، بەشىرنىڭ قارىشىچە، جەنۇب نېفىت قېزىش، ئايرىش، ئېكسپورت قىلىش جەھەتلەردە شىمالنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، بۆلۈنۈپ كەتسە، نېفىتنى بايلىققا ئايلاندۇرالمايدىكەن، شۇڭا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، يەنىلا شىمالنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىدىكەن، دېيىلدى. ئوبزوردا يەنە: جەنۇب قايتىدىن بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ، جەنۇب بىلەن شىمال ئىقتىسادىي مەنپەئەت جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە، دېيىلدى.
   ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ۋاشىنگتون پوچتىسى›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: سۇداننىڭ جەنۇبى شادلىققا چۆمۈپ، ‹‹ئافرىقىدىكى دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەڭ ياش دۆلەت›› ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشماقتا. ئەمما ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ھەممىنى بەلگىلىمەيدۇ، چېگرانى ئايرىش، نېفىت مەنپەئەتىنى تەقسىملەش قاتارلىقلارنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان، سۇداننىڭ شىمالىغا ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى تۈركۈملەپ كىردى، ئۇلار كەلگۈسى نەچچە ئايدا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تىنچلىقىغا كۈچەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن.
   ئامېرىكا CNN نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشتا مۇستەقىلچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇمكىن، نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۈننى كۈتۈۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما مۇستەقىلچىلەر ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ زوراۋانلىق پەيدا قىلىشىنى خالىمايدۇ، شىمال بىلەن مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى تىنچ كەيپىيات ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىشنى ھەم ئىناق ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. جەنۇب ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى جون دۇكۇ ئۇدۇللا قىلىپ: ‹‹ئىچكى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن››، تارىختا جەنۇبىي سۇدان بىلەن شىمالىي سۇدان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئەمەس، مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈلسە زوراۋانلىق كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئىختىلاپ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنسا تىنچلىق ئۆزلۈكىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېدى.
   كېنىيەدە چىقىدىغان ‹‹يەكشەنبىلىك مىللەت گېزىتى››دە مۇنداق دېيىلدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش جاپالىق خىزمەتنىڭ باشلىنىشى. سۇداننىڭ جەنۇبىدا ھەممە يەر خارابىيلىككە ئايلانغان، ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شىمال بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، جەنۇب بىلەن شىمال تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان ئابيې رايونىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ نەتىجىسى بىرەر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولسىلا، مالىمانچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن.
 
   ئەنگلىيەدە چىقىدىغان ‹‹يەكشەنبىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى››دىمۇ: ‹‹جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ بۆلۈنۈشى ‹‹بىر مەغلۇپ بولغان يېڭى دۆلەت››نى ۋۇجۇدقا چىقىرامدۇ – قانداق؟ دېيىلدى. يەنە، ئىلگىرى جەنۇبلۇقلار ھەممە ئىشنى خارتۇمدىن كۆرەتتى، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن كۆرىدىغان بولىدۇ، دېيىلدى. ‹‹نيۇ يورك ۋاقتى›› گېزىتىدە: ‹‹ئەگەر ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش نەتىجىسى بۆلۈنۈشنى بەلگىلىسە، جەنۇبىي سۇدان 7 – ئايدا مۇستەقىللىق جاكارلىشى مۇمكىن، مەسىلە شۇ چاغدا باشلىنىدۇ››، دېيىلدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش