نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 664 قېتىم كۈرۈلدى
تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -13
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 تىتان سىرتقى كۆرۈنۈشى پولاتقا ئوخشاپ كېتىدىغان، كۈمۈش رەڭلىك بىرخىل ئۆتكۈنچى مېتال ئېلېمېنت. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ كۈچىنىشچانلىقى كۈچلۈك، سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى ۋە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ چىرىتىشكە چىداملىقلىقى ياخشى بولۇپ، ئۇلار كىسلاتا، ئىشقارلىق مۇھىتتىمۇ داتلىشىپ كەتمەيدۇ. دېڭىز سۈيىدە بەش يىل تۇرسىمۇ داتلاشماي پارقىراپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ پولاتتىن خېلىلا ياخشى بولغاچقا، پاراخوتلارنىڭ سىرتقى قېپى تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە، پولات – تۆمۈردىن ياسالغان چۆكمە كېمە دېڭىز ئاستىغا 300 مېتىردىن كۆپرەك چۆكسىلا سۇ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بىراق تىتان قېتىشمىلىرىدىن ياسالغان چۆكمە كېمە دېڭىز ئاستىغا 4500 مېتىر چۆكسىمۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى يەڭگىل ھەم قاتتىق بولغاچقا، ئۇلار راكىتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئالەم ئايروپىلانى قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى قېپىغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ يەنە تۆۋەن تېمپېراتۇرىغىمۇ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانسېرى ئۇ تېخىمۇ قاتتىق ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى ئادەم بەدىنى بىلەنمۇ بىر قەدەر ياخشى ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار يەنە سۈنئىي سۆڭەك قاتارلىقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

   تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغاچقا، ھازىر خەلقئارا ئىلىم – پەن ئەھلى تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنى 21 – ئەسىردىكى مۇھىم ماتېرىيال، دەپ قارىماقتا.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش