رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 891 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بەيگە مەيدانى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -01
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 

بەيگە مەيدانى — ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ ، شەھەر ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال خەلق تەنھەرىكەت قۇرۇلۇشى .

   بورتالا بەيگە مەيدانى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بەيگە مەيدانى بولۇپ ، ئات بەيگىسى، يېنىك ئاتلېتىكا، پۇتبول ، قارىغا ئېتىش ، ئوقيا ئېتىش ، چېلىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش ، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت–تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدۇر.

   ئۇنىڭ پىلاندا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 420 نەچچە مو بولۇپ ، 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننى سىغدۇرالايدۇ . جەمئىي 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ ، 2002–يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ ، ئالدىنقى قارارلىق قۇرۇلۇشىغا 6 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، بەيگە يولى، مۇسابىقە مەيدانى ، شىمالىي كۆرۈش سۇپىسى ۋە شۇلارغا قاراشلىق ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملانغان . 2003–يىلى يەنە 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، داۋاملىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان .

   بەيگە مەيدانى قۇرۇلۇشى بىلەن ، ھەر يىلى سايرام كۆلى بويىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نادام چوڭ يىغىلىشى بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ، سايرام كۆلى بويىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ نادام چوڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىشى قولايلاشتى ، رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى بۇ جايغا ساياھەت ، سودا قىلغىلى كېلىشكە جەلپ قىلىنىپ ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى كەسىپ ۋە يەر قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ ، بورتالا رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 

 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش