نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 107 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاپەتنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشن ..

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ب د ت ،23-سېنتەبىر تېلىگىراممىسى:

 

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى يوشىخىكو نودا 23-سېنتەبىر 66-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە ئاساسىي مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئاپەتنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
يوشىخىكو نودا باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپونىيە بۇ يىل يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدىن ئاپەتنى ئازايتىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ تونۇپ يەتتى. كېلەر يىلى ياپونىيە بۇ قېتىمقى ئاپەتكە ئۇچۇرغان شەرقىي شىمال رايوندا خەلقئارا يىغىنى تەشكىللەيدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. ياپونىيە يەنە 2015-يىلدىكى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاپەتنى ئازايتىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
يوشىكىخو نودا: ياپونىيە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يادرو ئاپىتىدىكى تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ دېدى.

 

مەنبەسى : شىنخۇا ئاگېنتلىقى
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -24 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776