نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 336 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېركىلىق ئۈلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئەر كىشىنىڭ 20 يىل قىلغان نارازىلىق ئەرزى ئاقمىدى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
خەلقئارا ئاخبارات تورى خەۋىرى : ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 21- سىنتەبىر كەچتە ، جىرجىريە شىتاتىدىكى 42 ياشلىق جىنايەتچى تىرويى . داۋىدقا ئۇكۇل ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ئىجرا قىلىندى .ئۇ 1989- يىلى بىر ساقچىنى ئۆلتۈردى دەپ ئەيىبلەنگەن ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ گۇناھسىز دەپ بىلەتتى ، شۇڭا جازا ئىجرا قىلىنغان كۈنى 700 گە يېقىن ئامما تۈرمە سىرتىدا تۇرۇپ نامائىش قىلدى .  

 داۋىد 1991- يىلى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دىگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كىرگەن .ساقچى تەرەپنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇ  1989- يىلى 7- ئايدا مەلۇم بىر ئاشخانىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا بىر مۇساپىردىن پىۋا سورىغان لېكىن ئۇ مۇساپىر بەرمىگەن ، شۇنىڭ بىلەن داۋىد مۇساپىرنى ئۇرغان ،دەل شۇ چاغدا بۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان  مېكفورى ئىسىملىك ساقچى كىلىپ بۇ مۇساپىرغا ياردەم بىرىپ داۋىدنى تۇتىۋالغان ، لېكىن داۋىد ساقچىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىققان دەپ ئەيىبلەنگەن .

 داۋىد تۇتۇلغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەندە ئىشلەتكەن تاپانچىسىنى تاپالمىغان ، ھەمدە DNA ئىسپاتىنى تاپالمىغان ، داۋىد ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن 20 يىل نارازىلىق ئەرزى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئاقتۇرالمىغان .

 

 

مەنبەسى : hawar.cn
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -22 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776