ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى گىتلېرنى 30 يىل ئىزدىگەن
- يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -22
- يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
- مەنبەسى : nur.cn
سۈرەتتە: ئادولۇف گېتلىر ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
ئەنگلىيە «شوتلاندىيەلىكلەر» گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)يېقىندا ناتسىستلارنىڭ كاتتىبېشى گىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلارنى ئاشكارىلايدىكەن. ھەممىگە مەلۇمكى، 1945-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، گىتلېر ۋە ئۇنىڭ يېڭى توي قىلغان ئايالى ئەيۋا بروۋن بېرلىندىكى يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈۋالغان. ئەمما FBI نىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى «گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، بەلكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندەك ساختا نەق مەيدان ياسىغان» دەپ قارىغاچقا، شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، FBI گىتلېرنى مەخپىي ئىزدەش ھەرىكىتىنى ئىزچىل توختاتمىغان.
ھازىردىن قارىغاندا، گىتلېرنىڭ 1945-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق دەلىل-ئىسپات بولسىمۇ، 50 يىل ئىلگىرى، كىشىلەر ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتمىگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى «گىتلېر تېخى ھايات» دەپ قارىغان. FBI نىڭ باشلىقى ئېخۇد خوۋېرمۇ گىتلېرنىڭ قېچىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قەسەم بەرگەن گۇۋاھچىلاردىن كەلگەن خەتلەر FBI نى ئالدىرىتىپ قويغان. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى: گىتلېرنى مەلۇم جايدا ئۇچراتتۇق، دېگەن.
FBI بەزى شاھىتلارنىڭ دوكلاتىنى ناھايىتى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان. مەسىلەن: بىر دوختۇر: سان لۇئىستا گىتلېرنىڭ ئۈچەي كېسىلىنى داۋالىدىم، دېگەن. بۇ ئۇچۇر خوۋېرنى بەك ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى FBI ئېرىشكەن گىتلېرنىڭ مەخپىي كېسەللىك خاتىرىسىدە گىتلېرنىڭ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق كېسىلى بارلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ئاخبارات ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئاشكارىلانمىغان ئىدى.
ئەمما، يەنە بەزى بىمەنە دوكلاتلارمۇ بولۇپ، 77 ياشلىق بىر بوۋاي: گىتلېرنىڭ 1947-يىلى يازغان خېتىنى بايقىدىم، دېگەن. ئۇ خوۋېرغا يازغان خېتىدە: «ئەگەر خالىسىڭىز، بۇنى <گىتلېرنىڭ چاقچىقى> دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ئامېرىكا رادىيوسى بۇ خەۋەرنى گېرمانىيەدە ئاڭلاتسا، 1938-يىلى ئورسون ۋېلس رادىيودا مارىس ئادەملىرى يەر شارىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاتقاندىن بۇيانقى ئەڭ ھەيران قالارلىق ۋەقە بولۇپ قالىدۇ»، دېگەن. ئەمما بۇ كىشى FBI نىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا: داغدۇغا پەيدا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يالغان خەۋەرنى توقۇپ چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنى سوراق قىلغان قوشما ئىشتات جاسۇسى خاتىرىسىگە: ئۇ بىر ساراڭكەن، دەپ يازغان.
بۇنىڭدىن سىرت، باشقا كىشىلەرمۇ: 1946-يىلى گىتلېر ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋېتىپتۇ؛ 1948-يىلى يېڭى ئورلېئاندا پويىزدىن قېچىپ كېتىپتۇ؛ كولورادو ئىشتاتىنىڭ كىت كارسۇن ناھىيەسىدە 8960 ئىنگلىز مو يەر سېتىۋاپتۇ؛ 1946-يىلى لوندوندا بىر ئائىلىنىڭ خوجىدارى بوپتۇ، دېگەندەك گىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن غەلىتە ھېكايىلەرنى دوكلات قىلغان. بۇ دوكلاتلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئورتاقلىقى بولۇپ، گۇمان ۋە ئەيىبلەشلەر بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن. ھىندىستان «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 11-ئاپرېل خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، FBI نىڭ ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، مەخپىي مەلۇمات بەرگۈچىلەر يەنە خەت يېزىپ: گىتلېر چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ساقال قويۇۋاپتۇ. زىققا ۋە ئاشقازان يارىسى كېسىلى ئۇنى قىيناۋېتىپتۇ، دېگەن.
ھازىردىن قارىغاندا، بۇ دوكلاتلارنىڭ ھەممىسى بەك بىمەنە تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا، FBI ھەرقانداق يىپ ئۇچىغا سەل قارىماي، مەخپىي مەلۇمات بەرگۈچىلەرنى بار كۈچى بىلەن ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۇقۇشماسلىق، چاقچاق ياكى ساراڭلارنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. مەسىلەن: 1948-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋاشىنگتونلۇق بىر ئايال FBI غا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بىر مېھماننىڭ گىتلېر ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ گىتلېرنى يوشۇرۇش سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىپ قېلىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ھەم FBI نىڭ ئۆزىگە ھەرىكەت قوللىنىدىغان-قوللانمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. FBI بۇ دوكلاتنى قايتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئارخىپقا: ئۇ ئېلىشىپ قاپتۇ، دەپ يازغان.
FBI بەزى شاھىتلارنىڭ دوكلاتلىرى ناھايىتى تېزلا قايتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، يەنە بەزى دوكلاتلارنى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغان. يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ئارخىپلارغا قارىغاندا، قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خوۋېر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا گىتلېرنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. قوشما ئىشتات جاسۇسلىرى كۆپ قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ، گېزىتلەردىكى ماقالىلەر ۋە ئىختىيارىي گۇۋاھچىلارنىڭ دوكلاتلىرىنى تەكشۈرگەن. FBI نىڭ ئارخىپىدا: جەنۇبىي ئافرىقا سېسىق نامى پۇر كەتكەن ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ پاناھگاھى، نۇرغۇن كىشى گىتلېرنى ئارگېنتىناغا يوشۇرۇنۇۋالدى، دەپ قاراۋاتىدۇ، دېيىلگەن. خوۋېر «ئارگېنتىنا ھەققىدىكى ھېكايىلەر»گە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرىلا، FBI جاسۇسلىرى بىر ئەسلەتمە سۇنۇپ: گىتلېر ئارگېنتىناغا سەرگەردان بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، دېگەن. بۇ ئەسلەتمىدە يەنە: ئارگېنتىنانىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى گىتلېر بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ، «قورال-ياراغ ۋە مۇھىم تېخنىكا خادىملىرىنى ئارگېنتىناغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ»، دېيىلگەن.
شۇنداق بولغاچقا، ئۇرۇشتىن كېيىن گىتلېرنىڭ ئارگېنتىنادا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلار كۆپىيىپ كەتكەن، FBI ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەقىلگە ئۇيغۇن، دەپ قارىغان. مەسىلەن: نۇرغۇن كىچىك گېزىتلەردە: گىتلېر بېرلىندىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، سوۋېت-ئامېرىكا ئۇرۇشى پارتلىسا، قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشنى كۈتۈۋېتىپتۇ، دېيىلگەن. ناتسىستلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بەزى كىشىلەر، يەنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيەنىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىسى بولغان ئوۋتو: گىتلېر چوقۇم ئۆلمىدى، ئۇ توخۇ يۈرەك ئەمەس، ئۇ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدۇ، دېگەن.
ئەڭ داغدۇغىلىق خەۋەر 1948-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا كولومبىيەدىكى ئىسپانچە چىقىدىغان «دەۋر»گېزىتىدە: گىتلېر چۆكمە پاراخوت بىلەن بوگوتاغا قېچىپ كېتىپتۇ، دېيىلگەن. بۇ خەۋەردە گىتلېرنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان گېرمانىيەدىن قېچىپ چىقىش جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، گىتلېرنىڭ قاچقانلىقى توغرىسىدىكى مۇشۇنداق خەۋەرلەر ھەرقايسى جايلاردا بارلىققا كەلگەن. نەتىجىدە، FBI بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقى توغرىسىدا نەچچە قېتىم خۇلاسە چىقارغان. ئارخىپتا، قوشما ئىشتاتنىڭ بىر جاسۇسى بۇنىڭدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى «چىكاگو ۋاقىت گېزىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئاساسلىق گېزىتلەرمۇ مۇشۇنداق يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقان.
1956-يىلىدىكى بىر خەۋەردە: گىتلېرنىڭ سىڭلىسى بولا ۋولف ميۇنخېن سوت مەھكىمىسى گىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلسىلا، گىتلېر توغرىسىدا بىر تەرجىمال يازماقچى بولۇۋېتىپتۇ، دېيىلگەن. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئارقىدىنلا خەۋەر ئېلان قىلىپ: ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، سوت مەھكىمىسى ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىلگىرى، گىتلېر يەنىلا ھايات ئىدى، دېگەن.
تارىخشۇناسلار: غەربلىكلەرنىڭ گىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە خېلى ئۇزاققىچە ئىشەنمەسلىكىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇرنى قەستەن يوشۇرغانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان، دەپ قارىغان. ئەنگلىيە «شوتلاندىيەلىكلەر» گېزىتىنىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىدىغان چاغدا، گىتلېرنىڭ جەسىتىنى بايقىغان سوۋېت ئىتتىپاقى يالغان خەۋەر تارقىلىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گىتلېر سوۋېت ئارمىيەسى يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بېرلىندىن كەتكەن، دېگەن خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىدىن بەك خۇشال بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، 1945-يىلىدىكى يالتا يىغىنىدا، ستالىنمۇ گىتلېرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمەلىيەتتە، 1968-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىنىڭ ئاخبارات مۇخبىرى، ك گ ب نىڭ ئاخبارات خادىمى لېۋ بېشمانىسكى گىتلېرنىڭ جەسىتىنى يېرىپ تەكشۈرۈش دوكلاتى توغرىسىدا ئەسەر يېزىپ، ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ غەربتە نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن، غەرب ئەللىرى ئاندىن 1945-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېرلىندىكى يەر ئاستى قەلئەسى ئەتراپىدىكى بىر تېيىز گۆردىن تېپىلغان جەسەتلەرنى يېرىپ تەكشۈرۈپ، بۇ جەسەتلەرنى گىتلېر، ئەيۋا ۋە گىتلېرنىڭ ئىككى ئىتىنىڭ جەسىتى، دەپ قارىغانلىقىنى بىلگەن.
ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى 20 نەچچە يىلدىن كېيىن ئاشكارىلىغاندىن غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆز ھەرىكىتىنى ئاقلىغان. موسكۋا: قەتئىي مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيلىكىنى بىكار قىلىشقا 30 يىل كېتىدۇ، دېگەن. ئەمما بۇ كىتابتا تەمىنلەنگەن جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى ئەھۋاللار گىتلېرنىڭ ئاساسلىق بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمىگەچكە، كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. ئارقىدىنلا، بېشمانىسكىمۇ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ساختىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاچقا، گىتلېرنىڭ راستتىنلا ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكى كىشىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
1973-يىلى، غەربىي گېرمانىيەنىڭ ئىككى قانۇن دوختۇرى(ئېغىز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى) سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان تېببىي دوكلاتنى گىتلېرنىڭ چىشىنىڭ رېنتىگېن پىلاستىنكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بېرلىندىكى يەر ئاستى قەلئەسى سىرتىدىن تېپىلغان جەسەتنىڭ ھەقىقەتەن گىتلېرنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. FBI مۇ ئاخىرى گۇماندىن ساقىت بولۇپ، گىتلېرنى ئىزدەشنى توختاتقان. ئەمما، گىتلېرنىڭ ئىزىدىن قوغلاشقا قىزىقىپ كەتكەن قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خوۋېر تەكشۈرۈش ھەلەكچىلىكىدە ھالىدىن كېتىپ، 1972-يىل 5-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر گىتلېرنىڭ 1945-يىلى ئۆلگەنلىكىدىن گۇمانلانمايدىغان بولدى. ئامېرىكىلىق بىر تارىخشۇناس: يەر ئاستى قەلئەسى سىرتىدىن بايقالغان جەسەتنىڭ ھەقىقەتەن گىتلېر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ھازىرغىچە ھايات بولسا، 120 ياشتىن ئاشقان بولاتتى، بۇ مۈمكىن ئەمەس. گىتلېر 1945-يىلى بېرلىندا ئۆلۈۋالغان. ھەرقانداق نوپۇزلۇق تارىخ تەتقىقاتچىسى: گىتلېر «خاسىيەتلىك چەۋەندازلىرى»نىڭ ياردىمىدە بېرلىندىن قېچىپ كەتكەن، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ، دەيدۇ
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ