نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 86 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيە باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سېستىمىسىدىن ئەندىشە قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-سېنتەبىر خەۋىرى:

روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سېستىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان بويىچە تىزلەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇمىنىيە، تۈركىيە ۋە پولشادا ئارقا-ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سېستىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: روسىيە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى توسۇش قۇرۇلمىسىنىڭ روسىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يادرولۇق كۈچىگە قارىتىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى كاپالىتىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. ئىككى تەرەپ روسىيە-شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى رامكىسىدا ياۋروپا باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك بۇ سېستىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئۈنۈملۈك ۋە ئېنىق قارار چىقىرىشى كېرەك.

 

 

مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -18 يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776