رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 517 قېتىم كۈرۈلدى
سىپرۇس تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېكوزىيە، 9 – يانۋار تېلېگراممىسى. سىپرۇس دىپلوماتىيە مىنىستىرى كيپرىئانۇ 9 – يانۋار ئېنىق قىلىپ: سىپرۇس مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، دېدى.
   كيپرىئانۇ شۇ كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تۈركىيە سىپرۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا قوشۇلۇش كېرەك، دېدى. بىز بۇ ‹‹تەھدىت››نى قوبۇل قىلمايمىز. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان دۆلىتىمىزگە قاراتقان ھەربىي ئىشغالىيىتىنى ئاياغلاشتۇرمىسا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا قوشۇلمايمىز ھەم تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتىگە يەنىمۇ توسقۇنلۇق قىلىمىز.
   تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى 9 – يانۋار كيپرىئانۇنىڭ پوزىتسىيەسىگە جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن، سەۋرچانلىق بىلەن 50 يىلدەك ساقلىدۇق. سەۋر – تاقىتىمىزنىڭ چېكى بار. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىمىزنى سىپرۇس مەسىلىسى بىلەن توسىماسلىق كېرەك. بۇ، سىپرۇس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش