نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 467 قېتىم كۈرۈلدى
ئەلقائىدە 11-سىنتەبىر خاتىرە كۈنىدە ۋىدېئو ئېلان قىلدى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

[شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى 13-سىنتەبىر خەۋىرى] چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە ئەلقائىدە تەشكىلاتى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بىر ۋىدېئو ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ دۇنياۋى تەسىرى ھەققىدە توختالغان.


 

بۇ يىل 2-ماي بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئەلقائىدىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان مىسىرلىق ئەيمان ئەل زاۋاھىرىنىڭ سۆزلىرى ئېلىنغان بۇ ۋىدېئونىڭ ئىسمى "غەلىبىنىڭ سۈبھى نۇرى" بولۇپ، 12-سىنتەبىر كۈنى تالىباننىڭ كونتروللىقىدا دەپ قارالغان بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنغان. ۋىدېئودا يەنە بىن لادېننىڭ بۇرۇن ئاشكارىلانمىغان بەزى كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.


 

62 مىنۇتلۇق بۇ ۋىدېئودا زاۋاھىرى ئاساسەن ئەرەب ئىنقىلابى ۋە ئوتتۇرا شەرقنى قاپلىغان قارشىلىق دولقۇنى ھەققىدە توختالغان. ئۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ پىلتىسى دېگەن. مىسىر، لىۋىيە ۋە تۇنىستىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشلارنى ئىسلامنىڭ ۋە ئەلقائىدىنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتىغان. ئۇ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتى ۋە باشقا بىر قىسىم غەربپەرەس ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنى تەنقىد قىلغان. (Hechkim)

 

 

 

مەنبەسى : news.okyan.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -15 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776